30 يىل بۇرۇن ھىندىستاندايۈز بەرگەن زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەسىرى تېخىچە تۈگىمىدى



ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.3-دېكابىر ھىندىستاننىڭ مەركىزى شىتاتى گوپال رايونىدىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس تەزىيە كۈنى .بۇنىڭدىن 30يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ جايغا جايلاشقان بىر دېھقانچىلىق زاۋۇتىدا ئېغىر زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ شۇ يەردىكى بەش مىڭ كىشىنىڭ بىۋاستە ئۆلۈشى ۋە 550 مىڭ كىشىنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى .گوپالدىكى بۇ گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر سانائەت ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ .


1984-يىلى 3-دېكابىر سەھەردە ئامېرىكا كاربىل بىرلەشمە شىركىتىنىڭ ھىندىستاننىڭ گوپال شەھىرىگە جايلاشقان شۆبە شىركىتىنىڭ دېھقانچىلىق زاۋۇتىدا ئېغىر دەرىجىدە گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى .ۋەقەدىن كېيىنكى ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا 25 مىڭ كىشى بىۋاستە قازا قىلىپ كېيىنكى نەچچە يىلدا 550 مىڭ كىشى زەھەرلىك گاز سەۋەبلىك ۋاسىتىلىك قازا قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مەڭگۈلۈك مېيىپقا ئايلانغان .2099-يىلىدىكى بىر خىل تەكشۈرۈپ ئۆلچەشتىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتىنىڭ ئەتراپىدا يەنە 100 توننىدىن ئارتۇق زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا قېلىپ قالغان بۇلۇپ ،مۇشۇ سەۋەپلىك گوپال رايونىدىكى 120 مىڭدىن 150 مىڭغىچە كىشى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز ،راك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان .ئېغىر بۇلغانغان دەريا ئېقىنى رايونىدا تۇغۇلغان غەيرى بوۋاقلارنىڭ نىسبىتى پۈتۈن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىنىڭ 10 ھەسسىگە توغرا كەلگەن .


ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا ھىندىستان تاراتقۇلىرى بەس بەستە ماقالە ئېلان قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى .شۇنداقلا ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرىمىز دەپ ۋەدە بەردى ،ھىندىستان جامائەتچىلىكى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەقە تۇغدۇرغۇچى تەرەپ ئامېرىكا بىرلەشمە كاربىل شىركىتىنىڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلىقى ھەمدە زەھەرلىك گازنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرمەي نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىدى .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جامائەتچىلىك يەنە بەس بەستە جازانىڭ بەك يېنىك تۆلەمنىڭ بەك ئاز بۇلۇپ قالغانلىقىنى ،ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىغانلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭمۇ تېگىشلىك تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
06-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek