جاھان ئاگېنتلىقى 26-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق سۈننىي مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئۇبەيدى، ئىراق ئارمىيسىدە گېنىرال سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلكىنى ۋە بەزى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىدىكىلەرگە پارا بېرىپ ئۇرۇشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئۇبەيدى، ئىراق رەسمى تېلېىۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، دۆلەتتە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قىززىق نوقتا بولۇۋاتقان ئارميە ئىچىدە يولسىزلىق مەسىلىسىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى، ئۇبەيدى، ئارمىيە ئىچىدە ئاساسسىز تەرەپلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئارمىيەدە خىزمەتچى سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇبەيدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ئارمىيسىدە 2003-يىلىغا قەدەر 81 باش گېنىرال بار ئىدى، بۇ سان 2014-يىلىغا كەلگەندە 112 گە چىقتى. ئۇبەيدى، ھازىر ئارمىيە ئىچىدە 1924 گېنىرال بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۇنيانىڭ باشقا ئارمىيەلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، «نورمال شارائىتلاردا گېنىرال سانى 500 دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك» دېدى.
مۇسۇل رايۇنى ئارمىيەدىكى يولسىزلىق سەۋەبىدىن قولدىن كەتتى
ئۇبەيدى، ئارمىيە ئىچىدە يولسىزلىقنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ۋە مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن قولدىن كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇبەيدى، ئىراق ئارمىيسى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىدىكىلەرگە مائاشلىرىنىڭ يېرىمىنى پارا بېرىپ ئۇرۇش قىلىشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى، ئۇ يەنە ئارمىيەدىكى ئەسكەرلەرنىڭ يىتەرسىزلىكى ۋە يولسىزلىققا ئارىلاشقانلىقى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ تولۇق بىر جاسارەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇبەيدىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇسۇلدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئۇلارغا ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمەستىن ئادەتتىكى پۇقرا كىيىملىرىنى كىيىپ قېچىپ كەتكەن بۇ ئارمىيە بېشىدىن بۇيان خاتا قۇرۇلغان ئىدى. ئۇ، مۇسۇلنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكلاتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋېلىش جېڭى جەريانىدا يەرلىك خەلقنىڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇبەيدى، ھازىرلانغان پىلانلاردا ئالاھىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن ئەھۋالدا ئىراقنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن بىر يىلدا قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved