رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

رۇسىيە كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوف 22-ماي: رۇسىيە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇكرائىنا تۇتۇۋالغان رۇسىيەنىڭ ئىككى ئەسكىرىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا، دېدى. ئەمما ئۇكرائىنا بۇ ئىككى كىشى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئارا قوراللىقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملەشتى، دەپ ئەيىبلىدى.
رۇسىيەنىڭ خەۋىرىدە ئۇكرائىنا تۇتۇۋالغانلار رۇسىيە پۇقراسى، شۇڭا رۇسىيە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىدۇ، دېيىلدى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 17-ماي: شەرقىي قىسىمدىكى لۇگانسىك رايونىدا رۇسىيەنىڭ ئىككى ئەسكىرىنى قولغا چۈشۈردۇق، بۇ ئىككىيلەن قېچىشقا ئۇرۇنغاندا يارىلانغان، ھازىر ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، دېدى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18-ماي جاۋاب قايتۇرۇپ: تۇتۇۋېلىنغانلار ھەقىقەتەن رۇسىيەلىك، ئەمما ئۇلار رۇسىيە قوراللىق قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرى ئەمەس، دېدى ھەمدە ئۇكرائىنانى ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى.
رۇسىيە دۆلەت دۇماسى، يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى 22-ماي: رۇسىيە ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك، دېدى. دۆلەت دۇماسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋىلادىمىر كوموئىدوف: ئۇلارنىڭ كىم بولۇشىدىن، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەر بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە ئۆز پۇقرالىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېدى.
ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىرانس كىرىنسيېۋىچ: بىز ئۇكرائىنادىن ئادەملىرىمىزنى قويۇپ بېرىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشىمىز ھەمدە مۆھلەت بېكىتىشىمىز لازىم، دېدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئاندىرى ۋوروبىيوف 21-ماي: ئۇكرائىنا رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ رۇسىيەلىك ئىككى كىشىنى يوقلاش تەلىپىنى تېخى تەستىقلىمىدى، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: كونسۇل يوقلاش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى، ئەمما بىز ئۇكرائىنانىڭ يارىدارلارنى كېچىدىلا يوقلاشقا رۇخسەت قىلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. بىزگە كېچە سائەت ئىككى ئۈچلەردە يوقلاش ئۇقتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ تەييارلىقنى ياخشى قىلىمىز. چاتاق يېرى ئۈچ كۈن بولدى، يوقلاش ئىجازىتىگە تېخىچە ئېرىشەلمىدۇق.
ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى 21-ماي مۇنداق دېدى: تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئەر كىشى ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئىكەنلىكى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەلئارا قوراللىقلارغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئىككى رۇسىيەلىكنى يوقلىدى. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرىنى بىز رۇسىيە فېدېراتسىيەسى قوراللىق قىسمىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ ئەزاسى، شۇ چاغدا بىز ئۇ يەردە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتاتتۇق دېدى. ئۇلار قوراللىق لېكىن ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئارىدىكى بىرسى: مەن بۇيرۇق بويىچە ئۇكرائىناغا بېرىپ، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالمىشاتتىم دېدى. ئىككىيلەن بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ۋەزىپە ئۆتەشكە بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: بۇ ئىككىيلەن سوراق قىلىنغاندا ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ئاخبارات ئىدارىسىدىن ئىكەنلىكى، ئىككى ئاي ئىلگىرى باشقا 200 ئادەم بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە بارغانلىقىنى ئېيتقان.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۇندىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا قاتناشقانلار رۇسىيەلىك پىدائىي ياكى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر. ئالېكساندىروۋنىڭ رەپىقىسى رۇسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 20-مايدىكى بىر سۆھبەت پىروگراممىسىدا: ئالېكساندىروۋ 28 ياشتا، ئۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا رازۋېدكا قىسمىدىن ئايرىلغان دېدى.
ئۇكرائىنا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشتى دېگەن گۇمان بىلەن بۇ ئىككىيلەن ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ناۋادا بۇ ئىككىيلەن سوتتا پۈتۈنلەي ئىقرار قىلسا، ئۇلارنى قويۇۋېتىمىز دەپ ۋەدە بەردى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە توقۇنۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا بىلەن غەرب ئەللىرى رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى چېچىلاڭغۇ ئەلئارا قوراللىقلارغا پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلدى ھەمدە ئۇلارغا قورال-ياراق ۋە ئەسكەر ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىشىشىغا ياردەملەشتى دەپ ئەيىبلىدى. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشقا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ پۇتىن ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، رۇسىيەنىڭ رايون مەنپەئەتىنى توسۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئەيىبلىدى.



خەتكۈچلەر:
27-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek