قەززافىي «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ قەد كۆتۈرۈشى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىكەن

     قەززافىي «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ياۋروپاغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىكەن

     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋىيىنىڭ سابىق رەھبىرى قەززافىي ئىلگىرى ئەنگىلىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايىرغا ئۆزىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنسا، ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ لىۋىيىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنىكەن.

     قەززافىي بىلەن بىلايىرنىڭ 2011-يىلى تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىسى يېقىندا ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭدا لىۋىيىنىڭ سابىق رەھبىرى قەززافىينىڭ بىن لادېن ۋە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. قەززافىي گەرچە ئۆزىنىڭ لىۋىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلام غازات ئۇرۇشىنىڭ شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ناۋادا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانسا، يېڭى بىر «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە يېشىل چىراغ يېقىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇنلىغان مۇساپىرنىڭ ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا سەلدەك ئاقىدىغانلىقىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرغانىكەن.

        بىلايىر 2011-يىلى 25-فېۋرالدا قەززافىي بىلەن تېلېفوندا ئىككى قېتىم ئالاقىلىشىپ، ئۇنى بىخەتەر جايغا قېچىپ كېتىشكە ئۈندىگەنىكەن. سەككىز ئايدىن كېيىن، قەززافىي بىر يۇندى ئازگىلىدا تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. تېلېفوندا پاراڭلىشىش خاتىرىسى يېقىندا تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قەززافىي خام خىيال قىلىشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۇنىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىنىڭ لىۋىيىنى كونترول قىلىشىغا بولغان ئەندىشىسى ئېتىبارسىز قارالغان. ئەمما بۇ سابىق مۇستەبىتنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە لىۋىيە، ئىراق، سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان.

      ئۇلار تېلېفوندا ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ش ئا ئە ت»نىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى لىۋىيىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان. ھاۋا ھۇجۇمىدا قەززافىي ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇپ، قەززافىي شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

      بۇلتۇر روژدېستۋا بايرىمىنىڭ ئالدىدا، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى دىپلوماتىيە ئالاھىدە كومىتېتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى قەززافىينىڭ بىلايىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلار 2004-يىلى تۈزگەن «قۇملۇق كېلىشىمى»دىن گۇمانلانغان.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek