بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت بەشتە 2013-2014-پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 31-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانى بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا بالكانو كۇلۇبى بىلەن ئېپىپ بېرىلدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى كىرىستىيانو رونالدو، كالۋاخار، موراتانىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى ۋە بېلنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن قارشى تەرەپنى 5-0 نەتىجىدە يەڭدى.
15مىنۇت بولغاندا خان مادرىد كۇلۇبى ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىدى. ئوتتۇرا مەيدان توپنى ئوڭ يولغا بۆلۈپ بەردى.بېل توپنى چەكلەنگەن رايۇنغا ئەپچىللىك بىلەن تاشلاپ باردى. كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ ماھارىتى ئارقىلىق توپنى كىرگۈزدى. خان مادرىد 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىدى.
54 مىنۇت بولغاندا خان مادرىد نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. خان مادرىد ئالدى مەيداندىن توپنى تارتىۋېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. بېل ئوڭدىن ئوتتۇرغا تاشلىدى، رونالدو توپنى كەينىدىن كەلگەن كالۋاخارغا پاس بەردى. كالۋاخار توپنى كىرگۈزۈۋەتتى، نەتىجە 2-0 بولدى.
67مىنۇت بولغاندا خان مادرىد كۇلۇبى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. خان مادرىد ئوتتۇرا مەيداندىن يەنە ھۇجۇم قوزغىدى. رونالدو توپنى دىمارىياغا پاس بەردى. دىمارىيا توپنى ناھايىتى چىرايلىق ھالدا ئۇستىلىق بىلەن ۋاتار ئالدىغا كېلىپ بولغان بېلغا تاشلىدى. بېل توپنى ئاسانلا كىرگۈزۈۋەتتى. خان مادرىد 3-0 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەپ بولدى.
تېخى ئۈچ مىنۇت ئۆتمەيلا خان مادرىد يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. خان مادرىد ئالدى مەيداندىن توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن بېل ئۆزىنىڭ سۈرئىتى ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ توپنى ئىتتىرىپلا قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا كىرگۈزدى. نەتىجە 4-0 بىلەن بۇ مەيداندىكى يېڭىش يېڭىلىش ئايرىلىپ بولدى.
78 مىنۇت بولغاندا خان مادرىد بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بەشىنچى توپنى كىرگۈزدى. موراتا ئىسكودىن كەلگەن پاسنى تاپشۇرۋېلىپلا توپنى چىرايلىق ياي شەكىلدە ۋاراتارغا كىرگۈزدى. خان مادرىد 5-0 نەتىجىدە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇتلەق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رەت تەرتىپىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالدىنقى ئۈچ كوماندىنىڭ رەت تەرتىپى ئۆزگەرمىدى. يەنى مادرىد رىقابەت كۇلۇبى 76 نومۇر بىلەن بىرىنچى، بارسېلونا كۇلۇبى 75 نومۇر بىلەن ئىككىنچى، خان مادرىد كۇلۇبى بولسا 73 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەنە يەتتە ئايلانما مۇسابىقە قالدى. ئاخىرىدا كىمنىڭ چېمپىيۇن بولۇشىنى مۆلچەرلىمەك ناھايىتىمۇ تەس.
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved