مىليونىر 11 يىل بۇرۇنقى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى

      11 يىل بۇرۇن، 23 ياشلىق لۇجياڭلىق پۇلسىز يىگىت شاۋگاۋ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ 2000 يۈەن بۇلاپ، شېرىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەختكە يارىشا «قانۇن تورى» دىن ۋاقىتلىق قېچىپ قۇتۇلۇپ، قولىغا تەگكەن 300 يۈەن پۇل بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، مىليونىرغا ئايلانغان. نەتىجىدە شاۋگاۋنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن ئۇ يەنىلا قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، 11 يىلدىن كېيىن قولغا ئېلىندى.

    شاۋگاۋ 1982-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن، 17 يېشىدىلا جېنىنى بېقىش ئۈچۈن خېفېيغا كەلگەن بولسىمۇ خىزمەت تاپالماي جەمئىيەت ئويناپ يۈرگەن. 2005-يىلى شاۋگاۋ شاۋليۇ شاۋيۈ ئىككەيلەن بىلەن جاڭجيا يولىدىكى مېھمانخانىدا قونماقچى بولغاندا شاۋليۇنىڭ مۇھەببەت رىقابەتچىسى شاۋجياڭنى ئۇچرىتىپ قالغان.

شاۋليۇ ئىككى ئاغىنىسى بىلەن شاۋجياڭنى ئۇرغاندىن كېيىن يېنىدىكى 2000 يۈەننى بۇلاپ كەتكەن. ئارقىدىنلا ئۈچەيلەن تاكسىغا ئولتۇرۇپ پىيادىلەر كوچىسىغا كېلىپ بۇلاپ كەلگەن پۇلنى خەجلىگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پۇلنى تەڭ بۆلۈشۈپ بىرەيلەنگە 300 يۈەندىن تەگكەندىن كېيىن كېتىپ قېلىشقان.

    ۋەقەدىن كېيىن شاۋجياڭ دېلو مەلۇم قىلغان، ساقچى تەرەپ تېزدىنلا شاۋليۇ بىلەن شاۋيۈنى قولغا ئالغان، بىراق بۇ ئىككەيلەن شاۋگاۋ بىلەن تونۇشۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئادەتتە لەقىمىنىلا ئاتايدىغان بولۇپ ھەقىقىي ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇ سەۋەبلىك ساقچىلار شاۋگاۋنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقتىن، شاۋليۇ بىلەن شاۋيۈ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن يەتتە يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شاۋگاۋ بولسا قانۇن تورىدىن قېچىپ يۈرگەن.

   ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، ساقچى تەرەپ قاراپ چىقىلغان دېلولارنى رەتلەش جەريانىدا شۇ يىلى 3-ئايدا «زەھەر چەككۈچىنى ئۆيىدە ساقلاش جىنايىتى»  بىلەن بەيخۇ باقمىچىلىق مەيدانى تۈرمىسىگە قامالغان، بۇ ئەرنىڭ لەقىمى دەل نەچچە يىل بۇرۇن شاۋليۇ بىلەن شاۋيۈ ئاشكارىلىغان ئىسىمغا ئوخشاش چىقىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئەرنىڭ دەل ئەينى ۋاقىتتا بۇلاڭچىلىق جىنايىتىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن شاۋگاۋ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

     بۇ يىل 20-يانۋار، شاۋگاۋنىڭ مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن چىققان كۈنى بىر قانچە دوستى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ تۈرمە ئالدىدا شاۋگاۋنى كۈتۈۋالغان، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ساقچى خادىملىرىمۇ ئۇنى ساقچى ماشىنىسى بىلەن «كۈتۈۋاتقانىدى».

شاۋگاۋنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بۆلۈشكەن 300 يۈەننى ئېلىپ، كاللىسىدا ھەمىشە بۇنداق لاغايلاپ يۈرسە بولمايدىغانلىقىنى، ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئويلىغاندىن كېيىن 300 يۈەنگە ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت ئېلىپ ھەر قايسى كەچلىك بازارلارغا پىۋە يەتكۈزۈپ بېرىپ كىرىم قىلغان. ئارقىدىن ئۇ مۇلازىمەت، ئۆي-زېمىن قاتارلىق كۆپ كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن ئۇ مېڭچېڭ يولىدىكى مەلۇم سودا سارىيىدىن ئوندىن ئارتۇق دۇكان ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، ئون مىليوندىن ئارتۇق پۇل توپلىغان. پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۆزىنى ئۇنتۇپ زەھەر چېكىشنى باشلىغان، ھەم باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆيىدە زەھەر چېكىپ تۇتۇلۇپ قالغان، ئاقىۋەتتە شۇ سەۋەبلىك 11 يىل بۇرۇنقى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىمۇ پاش بولۇپ يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنغان، ھازىر مەزكۇر دېلو ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.



خەتكۈچلەر:
26-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
07-05-2016
    قاتار گەرچە پارس قولتۇقىدىكى كىچىككىنە ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە باي بولۇشىدىكى سىر، بىرى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكسپورت قىلىش يەنە بىرى خەمىد بىن خەلىفە ئو...
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
Powered by Leglek