ئوباما پولشانى زىيارەت قىلغاندا، ئامېرىكا ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىدۇ دېدى

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پولشا زۇڭلىسى تۇسك بىلەن ۋارشاۋادىكى پولشا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. ئوباما شۇ كۈنى ۋارشاۋاغا يېتىپ كېلىپ پولشادا قىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

 

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3-چېسلا ۋارشاۋاغا يېتىپ كېلىپ پولشادىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. پولشا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوباما ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئوباما شۇ كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋسكى بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشتى. پولشا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئوباما بىلەن كوموروۋسكى ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنى، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

سۆھبەتتىن كېيىن، ئوباما بىلەن كوموروۋسكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئوباما مۇنداق دېدى: پولشا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ۋە دوستلىرىنىڭ بىرى، پولشانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئامېرىكا-پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورتاق ئۇلتېشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئامېرىكا ياۋروپادىكى ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىپ، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ھەربىي مانىۋېرنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
07-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى      رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى رۇسىيە فۇكىس ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 27-ماي ئەنگىلىيەنىڭ لىۋىيەگە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، لىۋىيەدىكى قورال ئەتكەس قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ...
27-05-2016
    24-، 25-ماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋ...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ F/A-18F بەلگىلىك ئىككى دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» نالىق كۆرەشچى ئايروپىلانى 26- ماي شىمالىي كارولىننا شىت...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى سانجىلغان. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفېتسىر-جەڭچىلەرن...
27-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ غەربىگە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى موڭغۇلىيە ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى «خاقان ئۈستىدە ئىزدىنىش-2016» ناملىق كۆپ...
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، كورىيە ئارمىيە تەر...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئەنگلىيە ۋىرت، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خان جەمەتى توپچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ خان جەمەتى توپچى قىسم...
26-05-2016
    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى __ ۋەزىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇ...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2001-يىلى ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشى قارار ماقۇللاپ لىۋىيەگە ياغاچ ماتېر...
Powered by Leglek