ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى پات ئارىدا ئايالچە نۇسخىدىكى HUAWEI WATCH ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن. ئەسلى نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئايالچە نۇسخىسىنىڭ سەپلىمە ئۆلچەملىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن، ئاساسلىقى سىرتقى لاھىيىلىنىشى نەپىس ۋە ئاياللارغا خاس ئۇسلۇبتا لاھىيىلەنگەن. ئايالچە HUAWEI WATCH ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى يۇمىلاق شەكىلدە كۆركەم لاھىيىلەنگەن، شۇنداقلا سائەت بېشى ۋە سائەت بېغى بىر نەچچە خىل رەڭدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل ئالتۇن رەڭلىك نۇسخىسىمۇ بار.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئەھۋالدىن خەۋەردەر زاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە نۆۋەتتە خۇاۋېي شىركىتى ئىككىنچى ئەۋلاد HUAWEI WATCH ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى تەتقىق قىلىشى خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا LTE تورىنى قوللايدىغان نۇسخىسىمۇ تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ، ئەمما توكىنىڭ پايلايدىغان ۋاقتى ۋە Android Wear سېستىمىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس ئىكەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved