نىغمەت راخمان. ئۇيغۇر ،ئەر، جۇڭگودىكى تۇنۇلغان دېكتورلارنىڭ بىرى. 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 2006-يىلى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستاسىسىنىڭ ئىقتىساد قانىلىدىكى بىر تېلۋىزىيە پىروگىراممىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغان ۋە مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىىنىڭ پىروگىرامما رىياسەتچىسى بولغان.ھەمدە رىياسەتچى ۋاڭ شىياۋ يا بىلەن بىرلىكتە《开心辞典》پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . ھەم شۇيىلى 《全家总动员》پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ئىسمى: نىغمەت راخمان
چەتئەلچە ئىسمى :ETHAN.
باشقا ئاتىلىشى:小尼,小凳子
مىللىتى: ئۇيغۇر
تۇغۇلغان يۇرتى : ئۈرۈمچى
ئاساسلىق نەتىجىسى: 2002-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ‹يڭى نوتا لوڭقۇسى› رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2006-يىلى‹جەلىپكار يېڭى شىرىك› تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولغان
بوي ئېگىزلىكى: 178cm
ھېكمەتلىك سۆزى: ئالدىڭغا قاراپ مېڭىپ كېتىۋەر.
كەسپى : مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى3-يۈرۈش قانىلىنىڭ رىياسەتچى
يۇلتۇز تۈركۈمى:ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
تۇرۇشلۇق ئورنى: بېيجىڭ
نىكاھلىنىش ئەھۋالى: توي قىلغان
دىنىي ئېتىقادى : ئىسلام دىنى
ياقتۇردىغان تامىقى: ئاپىسى ئېتىپ بەرگەن تاماق
رەڭ: رەڭ تاللىمايدۇ
ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان كىتابى: ئېچىنىشلىق خاتىمىدىكى مۇھەببەت ھېكايە كىتابلىرى
قايىل بولىدىغان ئادىمى: دادىسى، ئۇ دادىسىنىڭ يۇمۇرىستىك خارەكتىرىگە قايىل
ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى: مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھنىسىگە چىققان مىنوتلىرى
قىزىقىشى: تاماق ئېتىش، ناخشا ئېيتىش،
نىغمەت راخماننىڭ خارەكتىرى كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكىلەرگە مەنسۇپ بۇلۇپ، نەدىلا بولمىسۇن شۇنچىلىك خوشال تۇرىدۇ،نىغمەتنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ۋاڭ شىياۋ يا بىلەن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلىشى خۇددى چۈشكىلا ئوخشايدۇ، ئۇنڭ بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىدىن بەكمۇ خوشاللىق ئىكەن. نىغمەت ئائىلىسگە قايتقىنىدا پۈتۈن ئائىلە كىشلىرىنىڭ خوشاللىق مىۋىسى ئىكەن.
نىغمەتنىڭ دادىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىنىڭ مۇھەرىرى، ئاپىسى رىزۋانگۈل شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ رېژىسورى،2008-يىلى ھەر ئىككىلىسى پىنسىيگە چىققان. نىغمەت ئۆيىدە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ يەنە ئىككى ئاكىسى بىر ئاچىسى بار، دەسلىپىدە ئائىلىدە ھېچكىم ئۇنىڭ كەسپىنى قوللىمايتى ، ھازىر ئۇ ئۆيدىكىللىرىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشىپ ، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقىنىدا بىرخىل بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.
نىغمەت كىچىكىدىنلا ئاتا -ئانىسىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت كەسپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . ھەر قېتىم ئوغلى تىلغا ئېلىنسا راخمەن ئاكىنىڭ دەيدىغان سۆزلىرى تۈگىمەيلا قالىدۇ.ئاپىسى رىزۋان بولسا پەخىرلەنگەن ھالدا باشقىلارغا ئوغلىنىڭ قازانغان نەتىجىللىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. 10 يېشىدىن باشلاپلا ئۇ ئىزچىل ‹ ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى › ‹ئاپتۇنۇم رايون بويىچە ئىلغار پىئونىر› ‹ ئون مۇەۋەر ئۆسمۈر › قاتارلىق شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىشكە باشلىغان. 1995-يىلى جۇڭگو پىئونىرلار ئەترىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ،
جىياڭ زېمىن بىلەن كۆرۈشكەن. 1995-يىلى كىچىك يازغۇچىلار مۇسابىقىسىغا تاللانغان.ھەمدە ‹ شىنجاڭنىڭ چوڭ چاقپېلىكى › ناملىق ماقالىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ ماقالە ھازىر يا -ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمەخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.ئۇ يەنە ياپونىيەگە بېرىپ‹ جۇڭگو ياپونىيە دوستلۇق رەسىم سىزىش مۇسابىقىسى› گە قاتناشقان، شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارالىق ياش ئۆسمۈرلەر سىەنئەت پائالىيتىدە ، ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە تىل بىلەن رىياسەتچىلىك قىلغان. نىغمەت كىچىكىدىنلا مانا مۇشۇنداق تىرىشچان بۇلۇپ ، باشقا بالىلاردىن خېلى كۆپ پەرىقلىنەتتى.
مۇخبىر مۇنداق سورايدۇ: ‹ نىغمەت كىچىكى ۋاقتىدا كەپسىزمىتى؟ ئۆگىنىشنى ياقتۇرماي قالدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغانمۇ؟›
‹ ئەلۋەتتە بار، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بەكلا ئىچ مىجەز ، كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايتى،بەكلا يۇۋاش ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بەك جىددىيلەشكەن، كېين تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلۋىزورغا ئەگىشىپ ئېنگىلىزچە ئۆز ئۆزىگە گەپ قىلىشنى ياقتۇردىغانلىقىنى ، ئېنگىلىزچە پىروگىراممىلار قۇيۇلسىلا ئۇنىڭ گېپىنىڭ جىقلاپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدۇق،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئېنگىلىزتىلى ئۆگىتىپ كۆپرەك گەپ قىلىغۇزۇشنى ئويلاشتىم.ئۇ 9 ياشقا كىگەن يىلى بىر ئېنگىلىزتىلى ئۆتىدىغان ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلىپ بەردۇق ، دادىسى ئۇنى ھەپتىدە بىر قرتىم ئېنگىلىزچە پائالىيەت مەركىزىگە ئاپاردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئاستا شوخ ۋە كەپسىز بوپ كەتتى. ›دەپ جاېاپ بەردى نىغمەتنىڭ ئانىسى.
مۇستەقىل خارەكتىرى
نىغمەت كىچىك ۋاقتىدا قاتناشقان نۇرغۇن مۇسابىقىلەر باشقا جايلاردا بولسىمۇ ، دائىم يالغۇز باراتتى، ئاتا ئانىسىنىڭ ھەمراھ بۇلۇپ بېرىشىنى خالىمايتى. 1995-يىلى 12ياش ۋاقتىدا ، نىغمەت يۈننەنگە‹ دوست بولايلى› ناملىق تېلۋىزىيە پىروگىراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا بارغاندا، ھەر قېتىم ئۆيدىكىللىرىگە ئۇزۇن يوللۇق تېفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ ناھايتى ياخشى تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بىر قېتىممۇ ئاتا ئانىسىغا قانداق جاپا تارقانلىقىنى ئېيتمىدى. قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كۈندە رېژىسوراىن تىل ئاڭلىغانلىقىنى جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئاتا ئانىسىنى ئەنسىرتىشنى خالىمايدىكەن.
2000-يىلى شىنجاڭ ۋەكىلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، نىغمەت شىياڭگاڭغا بېرىپ سۇڭچىڭلىڭ خانىم كېچىلىكىنىڭ نۇمۇر ئۇرۇنلىشىغا قاتناشتى، نەتىجىدە شىياڭگاڭغا بارغان تۇنجى كۈنى ھېچكىم ئۇنى كۈتىۋېلىشقا كەلمىدى ، ئەسلىدە رېژىسور شىنجاڭ ۋاقتى بىلەن بېيجىڭ ۋاقتىنى ئاملاشتۇرۇپ قويغان ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن نىغمەت ئۆلچەملىك خەنزۇتىلى سۆزلىيەلەيدىغان ئاقكۆڭۈل بىر كىشىنىڭ ياردىمىدە شىياڭگەڭ تەرەتىكىلەر بىلەن ئۆزى ئالاقىلاشقان. ئۇ ئاتىنىسىنىڭ بىر پۇڭ پۇلىنىمۇ ئېلىپ باقمىغان.
ئۇيغۇر يىگىت نىغمەت راخمان ھازىرمۇ ، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى،ئۇمۇ ئوخشاشلا ئارافاتقا ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن چىققان چولپان.
نىغمەت راخمان،2013-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى كىلنچەكمۇ شىنجاڭلىق بۇلۇپ بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدۇ. ئىككىس تۇنۇشقىلى ئۇزۇن بولغان بۇلۇپ ، ئۇزۇن يىللىق مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسى بار. بىراق ئۇ ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان.
مانا بۇيۇقىرقىلار بىز تۇنۇشتۇرۋاتقان مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى نىغمەت راخماننىڭ تۇرمۇشى ۋە كەسپى نەتىجىللىرى .
(ھۆرمەتلىك تورداش سىز تېخىمۇ كۆپ داڭلىق چولپانلارنىڭ تۇلۇق تەرجىمھالىنى ئۇقۇپ ئۇلارنى چۈشىنىشنى خالامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز داۋاملىق لەگلەك تورىنىڭ مەشھۇر شەخىسلەر سەھىپىسىدىكى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەزمۇنىدا بولسۇن)
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved