چاڭشادىكى بىر دېھقان ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، كۆپ ئىقتىدارلىق ساياھەت چامدىنى كەشىپ قىلدى
كۆپ ئىقتىدارلىق ساياھەت چامدىنىنىڭ كەشپىياتچىسى خې لياڭ 28-ماي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بۇ چامدانغا نەرسە-كېرەكلەرنى قاچىلاش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭغا بىر قېتىم توك قاچىلىسا ، بىردىن ئىككىگىچە ئادەم ئۇنىڭغا مىنىپ 50 - 60 كىلومېتىرغىچە يول يۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 20 كىلومېتىر . بۇ خىل چامدان تاكسى توسۇش تەس بولۇش ، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە ھەل قىلىپلا قالماي ، شاۋقۇن-سۈرەننى پەسەيتىش ، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ .
يېقىندا ، بۇ مەھسۇلات دۆلەت پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved