شى جىنپىڭ خونسىن بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-نويابىر خەلق سارىيىدا كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خونسىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خونسىن بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن خونسىننىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جوڭگۇغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئات ئۇزاق يولدا سىنىلىدۇ، ئادەم ئۇزاق يىلدا. جۇڭگو بىلەن كامبودژا قەتئىي تۈردە بوران چاپقۇنلاردا بىرگە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىدىغان قەدىناس دوستلار ۋە ئىشەنچلىك شېرىكلەردىن بولۇپ كەلدى . بۇ خىل ئەنئەنىۋىي دوستلۇق ئىنتايىن قىممەتلىك، بىز تەرەققىياتتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كامبودژا بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ۋە پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، مائارىپ، تىببىي داۋالاش، تېلېگراف، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، يېپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىسىنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.


خونسىن مۇنداق دېدى: كامبودژا جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ھەمدە بىر بەلباغ ۋە بىر يول قورۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسسە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىغا قاتنىشىپ، رايون تىنىچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
09-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek