جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 14-چىسلا تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 15-چىسلادىن باشلاپ سۈرىيەدىن رۇسىيە ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈشنى ئۇقتۇردى. پۇتىن سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشى دەل سۈرىيە مەسىلىسى دائىرىلىرىنىڭ جەنۋەدە بەش يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ۋاقتىغا توغرا كەلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پۇتىن بۇ قېتىم ئىستىراتىگىيەلىك ئەۋزەللىك ئاستىدا ئەسكەر چېكىندۈردى، يەنى ھەم ئۇرۇش مەيدانى ۋەزىيىتى مۇقىملاشتۇرۇش، ھەم سۆھبەت ئۈستىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى، ئۇ يەنە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.
كرېمىل سارىيىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەسكەر چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندە، پۇتىن مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قارىشىمچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن تاماملىنىپ بولدى، شۇڭلاشقا مەن ئەتىدىن باشلاپ سۈرىيەدىكى رۇسىيە ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىمەن.»
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، 2015-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ رۇسىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە سۈرىيە ئىچىدىكى «ئىسلام دۆلىتى» نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغان، بۇ جەرياندا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى جەمئىي 9000 قېتىم بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسى ئېلىپ بېرىپ 2000 دىن ئارتۇق تېررورچىنى يوقاتتى، 209 نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ۋە زور مىقداردىكى نېفىت توشۇش ئۈسكۈنىسىنى تارمار قىلدى. دېمەك رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى تېررورچىلارنىڭ ماددىي كاپالىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالدى، تېررورچىلارنىڭ قورال-ياراغ يولىنى ئىتىپ تاشلىدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى ئارىلىشىشتىن بۇرۇن سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تېررورچىلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، پايتەخت دەمەشىقمۇ خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى. بىراق رۇسىيە ئارىلاشقاندىن كېيىن، پۇتىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىكى ئورنىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
پۇتىن مۇنداق دېدى:«بۈگۈنكى قارارىمنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ياخشى ئۇچۇر بولۇشىنى، سۈرىيە سىياسىي تەرتىپىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشنى، سۈرىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشار ئەسەد بىلەن تېلېفونلاشقاندا بەشار ئەسەد پۇتىنغا ئامالنىڭ بارىچە سىياسى تەرتىپنى بالدۇر قوزغىتىدىغانلىقى، سۈرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەرب تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى، پۇتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىس-بۇسىنىمۇ بىلدۈرمىدى. پۇتىن خۇددى ئەينى ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلغاندەك، بۇ قېتىممۇ تۇيۇقسىزلا ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى، ئامېرىكا بۇنىڭغا زادى قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنىمۇ بىلمەي قېلىۋاتىدۇ.
ئەسكەر چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن پۇتىن ئوباما بىلەن تېلېفونلاشتى، ئوباما سۈرىيە ئۇرۇشى توختىغاندىن كېيىن زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ ئازلىغانلىقىدىن خۇشاللىقىنى، زوراۋانلىق مەسىلىسىنى تۈگىتىشتە يەنىلا سىياسى يولنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە تەرەپمۇ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved