جۇڭگو خەۋەر تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىسرائىلىيە 22 كۈندىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمى ۋە توپ ھۇجۇمى قوزغاپ، خاماس كونتروللىقىدىكى ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلغان، غەززە رايونىدىكى بىردىنبىر ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتكەن. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 128 نەپەر پەلەستىنلىك قازا قىلغان.
خەلقئارا جامائەتچىلىك 29-ئىيۇلنى 22 كۈندىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق بىر كۈن دېدى. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا قازا قىلغانلار سانى 1270 كە يەتتى.
شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىرازىلىيە پرېىزدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى چوڭ قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى. ئۇ سان پاۋلو ئاخبارات تورىدا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە:«مەن غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى خەتەرلىك دەپ قارايمەن، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلا ئەمەس، يەنە ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved