موتورولا Moto 360 نىڭ تەنھەرىكەت نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، GPS ئورنىتىلغان

        موتورولا شىركىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Moto 360 ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ 2-ئەۋلاد نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان، ئەمما، بۇ قول سائىتىنىڭ لايىھەسى قارىماققا سودىگەرلەرگە خاس تۈستە بولغاچقا، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياقتۇرىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، موتورولا شىركىتى يىقىندا Moto 360 نىڭ تەنھەرىكەت نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.


     تەنھەرىكەت نۇسخىسىدىكى Moto 360 نىڭ ماتىرىيالىدا ئۆزگىرىش بولغان. سائەت يۈزىنىڭ چوڭلۇقى 45mm، ئېغىرلىقى 54g بولۇپ، ئېكران يۈزىگە «كاڭنىڭ گورىللا 3-ئەۋلاد ئەينىكى» سەپلەنگەن. سائەت بېغىغا ئورگانىك سىلىتسىي ماتىرىيال قىلىنغان بولۇپ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رەڭگى ئاسانلىقچە ئۆڭۈپ كەتمەسلىك قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە ئىكەن.

     سەپلىمىسىگە كەلسەك، Moto 360 نىڭ تەنھەرىكەت نۇسخىسىغا ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، يەنى GPS ئورنىتىلغان بولۇپ، باشقا تەرەپلەردىكى سەپلىمىسى ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن. ئۇنىڭغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 360*325 بولغان 1.37 دىيۇملۇق ئېكران، كۇۋالكوم 400 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 512MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 4GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، 300 مىللىئامپىرلىق باتارىيە قاتارلىقلار سەپلەنگەن؛ كۆك چىش ۋە Wi-Fi ئىقتىدارى ھازىرلانغان، يۈرەك رېتىمىنى سېزىش قاتارلىق ساغلاملىققا ئائىت ئىقتىدارلار قوشۇلغان، قارا، ئاق ۋە ھال رەڭلىك نۇسخىلىرى بولۇپ، Android Wear سىستېمىسى قاچىلانغان.

  تەنھەرىكەت نۇسخىسىدىكى Moto 360 نىڭ سېتىلىش باھاسى 299.99 دوللار بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي بازارغا كىرىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
04-05-2016
    شياڭگاڭ شەرق تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىغا توي خېتىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسى تارقى...
03-05-2016
    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ...
03-05-2016
    1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
03-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق قىز شىس لاسىننىڭ ئېرۇسالېمدىكى قەدىمىي شەھەردە ئارقاندىن ماڭغان ۋىدىيوسى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شىس لاسىن يەر يۈزىد...
03-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىلىيام ئەر-ئايال كېنسىڭتون سارىيى (Kensington Palace) دا كەچلىك زىياپەت چاقىرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەر-ئايالنى كۈتىۋالدى....
03-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى پارتلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە سۆھبەتلەشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان، ئاخىرىدا ئۇ ساقچىلار ئاتقان ئوق تېگىپ...
03-05-2016
    ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ CBS نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بوستوندىكى مېدفوردتا جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان چېن جى ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئەرگە لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئامەت قۇشى قونغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىي...
03-05-2016
     ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئالدامچى كاززاپ پاۋىل بىنېت 15 يېشىدىن باشلاپلا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، 25 يىلغىچە ھەرخىل ساختا تون...
02-05-2016
    29 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتل...
Powered by Leglek