يەر شارى خەۋەر تورى 12-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئايفۇن يانفونى جۇڭگو بازىرىدا ئەڭ چوڭ رەقىبى شىياۋمىنى بېسىپ چۈشۈپ ئەقلىي يانفۇن بازىرىدا سېتلىش نىسبىتى بىرىنجى ئورۇندا چىقتى. جۇڭگودا يانفۇن رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، جۇڭگو يانفۇن بازىرىدا بىر قانچە ماركا رىقابەتلىشىۋاتىدۇ، يانفۇن رىقابىتىدە بىرىنجىلىك ئورنى ئالماشتى، تەكشۈرۈش شىركىتىIDC نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەقلىي يانفۇن ئالما يانفۇنى بولدى. جۇڭگودا ئالما يانفونىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا شىياۋمى يانفونى، ئۈچىنجى ئورۇندا خۇاۋېي يانفۇنى، 4-ئورۇندا بولسا سامسۇڭ يانفونى تۇرماقتا. جۇڭگودىكى بازار پېيىغا قارىغاندا يۈزدە 14.7% بىلەن ئالما يانفونى بىرىنجى ئورۇندا، شىياۋمى يۈزدە 13.7% بىلەن ئىككىنجى، خۇاۋېي 11.4% بىلەن 3-ئورۇندا، سامسۇڭ 9.7% بىلەن 4-ئورۇندا تۇردى. بازار پاي ئەھۋالىدا بۇ خىل ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ بىراق جۇڭگو بازىرىدىكى ئەقلىي يانفون سېتىلىش نىسبىتىدە چېكىنىش يۈز بەرمەكتە، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەقلىي يانفون سېتىش نىسبىتى ئالدىنقى باسقۇچقا قارىغاندا يۈزدە 8% چۈشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved