خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا جاھاندىكى كۆپلىگەن جايلاردا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى

سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بۇ يىلقى «1-ماي» 126-قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى.شۇ كۈنى، جاھاندىكى كۆپلىگەن جايلاردا كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى.بۇ نامايىشچىلار شۇ جاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ تەشكىللىشى ئاسىتىدا، « كاپىتالىزمغا زەربە بېرىش » نامىدا ھەر قايسى دۆلەتتىكى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە، گىرېتسىيە، كورېيە، مالايسىيا،فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەختىدە كەڭ كۆلەملىك توپلىشىپ كۈچ كۆرسىتىش نامايىش دولقۇنى كۆرۈلگەن بۇلۇپ، بۇ نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ قىسقارتىش سىياسىتىگە، ئادىل بولمىغان ئەمگەك ئىسلاھاتى ۋە يۇقىرى سوممىلىق باج قاتارلىقلارغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

مىلان دۇنيا يەرمەنكىسى ئېچىلىش مۇراسىمى بىرىنچى كۈنىدە 30 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېغىر قوزغىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.نامايىشچىلار كوچا بويىدىكى ماگىزىنلارنىڭ دىرىزىلىرىنى چاققان، ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرگەن ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنياۋى شەھەر ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان.نۆۋەتتە 10 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

نامايىشچىلارنىڭ قارشىچە، ئىتالىيە ئىقتىسادى كاساتلاشقان ئەھۋال ئاستىدا دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشى ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىق ھەركىتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇن ئاشكارلانغان دۇنيا يەرمەنكىسى تەييارلىق جەريانىدىكى چىرىكلىك ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان.

تۈركىيە 6-ئاينىڭ 7-كۈنى پارلامېنت چوڭ سايلامنى كۈتۈۋالىدۇ. پىرېزىدېنت ئەردوغان رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئورۇنغا ئىرىشىشتىن ئۈمىد بار بولغاچقا پىرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئاشۇرۇشنى رېئاللىققا ئاشۇرغان.بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئەردوغان يەنە تور باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تۈركىيەدە شۇ كۈنى كەڭ كۆلەملىك توپلىشىپ نامايىش قىلىش كۆرۈلگەن. نەچچە ئون مىڭ كىشى ئىستانبۇلغا يىغىلىپ يىغىن چاقىرغان ۋە ساقچىلار بىلەن ئېغىر تۇقۇنۇشۇپ قالغان.تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ دېيىشچە، 140 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان.نامايىشچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قولغا ئېلىنغۇچىلار ئېلان قىلىنغان مەلۇماتنىڭ قوش ھەسسىگە باراۋەر كېلىشى مومكىن.ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6 نەپەر ساقچى ئەمەلدارى ۋە 18 نەپەر نامايىشچى توقۇنۇشتا يارلاندى.نۆۋەتتە ساقچىلار تاكسىم مەيدانىغا بارىدىغان بارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى قامال قىلغان.چوڭ سايلامنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇقۇنۇشى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.



خەتكۈچلەر:
03-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek