ئامېرىكىنىڭ 11-ئايلىق ھۆكۈمەت قىزىل رەقىمى 65 مىلىياردقا يەتتى

      دوۋجىنىس سودا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى 11-ئايلىق ئامېرىكىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتقان، سەۋەبى بولسا ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.

دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايغىچە بولغان 12 ئاي ئىچىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى 461 مىلىيارد دوللار بولۇپ، گ د پ ئومۇمى قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %2.6 نى ئىگەللىگەن، بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى 436 مىلىيارد دوللاردىن يۇقىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى خامچوت قىزىل رەقىمى گ د پ ئومۇمى قىممىتىدە %2.5 نى ئىگەللىگەن. بۇ يىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى 2008-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى، ئەمما 11-ئايلىق قىزىل رەقەم بۇ يىلدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى.

     بۇ ئەڭ يېڭى دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئايلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا ئەڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدا تەڭلىشىش ھالىتى پەيدا بولغان. 11-ئايغىچە بولغان 12 ئاي ئىچىدە، ھۆكۈمەت كىرىمى %7.1 ئېشىپ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك ئېشىشقا يېقىنلاشقان.

    شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش مەزگىلدىكى ھۆكۈمەت چىقىمى %6.9 ئېشىپ، 2010-يىلىنىڭ دەسلىپىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىشنى ياراتقان، ئەينى ۋاقىتتا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن كېيىنكى ئىقتىسادى قوزغىتىش بىلەن ئۇچرىشىشنى تاماملىغان.

    ئەڭ يېقىندىكى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، ھۆكۈمەت چىقىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇھىم ئىتتىرىش كۈچى ئىزچىل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق پىلان بولدى.

11-ئايلىق ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى 65 مىلىيارد دوللار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇيان، ھەريىلى 11-ئايدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ. ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت تەڭشەلگەندىن كېيىن، بۇ قىزىل رەقەم ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئەتىراپىدا ئاشتى.



خەتكۈچلەر:
11-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek