پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا قېچىپ كەتكەن جىنايەتچى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىنمەكتە
ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكىلى 10 يىل بولغان ئىقتىسادىي جىنايەتچى جاڭ فامىلىلىك 3-فېۋرال دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلىتىمىزگە ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.
جاڭ فامىلىلىك ئەسلى خېبېيدىكى مەلۇم پاي چەك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 2000-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە مۇئامىلدارلارنىڭ پايچەك ئىسچوتىدىن 1 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئوغرىلىۋالغان. ئۇ 2005-يىلى 10-ئايدا ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى شىجۇاڭجۇاڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى جاڭ فامىلىلىكنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
ج خ مىنىستىرلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق ساقچى دائىرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا جاڭ فامىلىلىكنى تۇتۇشقا ئاتلانغان. 2014-يىلى 10-ئايدا ئىتالىيە ساقچىلىرى جاڭ فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈرۈپ، 2015-يىلى 3-فېۋرال جۇڭگوغا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
نۆۋەتتە، ج خ مىنىستىرلىقى 189 دۆلەت بىلەن ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، 27 دۆلەتكە 49 نەپەر ساقچى ئەۋەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved