ئامېرىكا ‹‹ نيۇيورك كۈندىلىك خەۋىرى ›› نىڭ 23-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، فوتوگراف شانكار پۇرى ھىندىستاننىڭ غەربى قىسمىدىكى راجاستاننىڭ كىشاڭئارخ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان بالىلار كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى مەخپىي سۈرەتكە تارتقان . كوللېكتىپ تويغا 20 دىن ئارتۇق بالا قاتناشقان ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن قىز بولۇپ ، 16 ياشلىق ئوغۇل بالىغا ياتلىق قىلىنغان . توي مۇراسىمى شۇ يەردىكى بىر بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن .
گەرچە شانكار پۇرى بۇ كىچىك نارسىدىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئامالسىز قالغان .
شانكار پۇرى : شۇ كۈنى ئەتىگەن مەن بۇ توي توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ ، ساقچىلارغا مەلۇم قىلدىم ۋە تېزدىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كەنتكە باردىم . مەن بۇ كەنتتىكى بازارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يەرگە بېرىپ ، مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىشكەن نۇرغۇن ئەر-ئاياللارنىڭ توي مۇراسىمىنى قۇتلۇقلاۋاتقانلىقىنى ، تويى بولغان بالىلارنىڭ توي مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . لېكىن ئۇلار بۇنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن ، دېدى . شانكارنىڭ ئېيتىشىچە ، تويغا قاتناشقانلار بەك كۆپ بولغاچقا ، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، توينى توسۇشقا ئامالسىز قالغان . ئەگەر ساقچىلار توينى مەجبۇرىي توختىتىشقا ئۇرۇنسا ، يەرلىكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بالا توي ھىندىستاندا ئەلمىساقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ، گەرچە ئۇ قانۇنسىز قىلمىش ، شۇنداقلا ئاياللار–بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved