پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە « كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ سىتىرىن بىلەن بولغان توختام ئۇزارتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا ھازىر كۇلۇب ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى ۋولكۇتنىڭ ئارسېنال بىلەن بولغان توختام ئۇزارتىش ئىشىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.
ۋولكوت بىلەن ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ توختىمى كېلەر يىلى يازدا توشىدۇ. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئېغىر يارىدىن ساقىيىپ كەلگەن ۋولكۇت باش مەشقاۋۇل ۋېنگىرنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.ھەم ۋولكۇتنىڭ مائاشى ھازىر 100 مىڭ پونت سىتىرلىڭ يۇقىرى باھادا بولغاچقا ئارسېنال كۇلۇبىمۇ ۋولكۇت ئۈچۈن يەنە مائاش ئۆستۈرۈلگەن يېڭى توختام بىلەن تەمىنلەشنى خالىمايدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋولكۇت 2013-يىلى ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزارتىشتىن بۇرۇن لىۋىرپۇل كۇلۇبى ئارسېنال كۇلۇبى بىلەن ۋولكۇتنىڭ يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا پىكىرلىشىپ باققان. ئىگىلىنىشچە لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى لوگس ۋولكۇتنى بەك ياقتۇرىدىكەن.
لىۋىرپول كۇلۇبىنڭ ھۇجۇم سېپىدىكى يادرولۇق ئەزاسى سىتىرىن بىلەن بولغان توتام ئۇزارتىش ئىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن لىۋىرپول كۇلۇبى ئالدىن كەلگۈسىنى ئويلاشمىسا بولمايدۇ. سىتىرىننىڭ توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلغاندىن كېيىنكى ھەل قىلىش ئامالىنى ئويلاشقاندا ئۇلار بەلكىم بۇ يىل يازدا ۋولكۇت ئۈچۈن ئارسېنال كۇلۇبىغا باھا مەلۇم قىلىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved