سەككىز كۈن ئىچىدە ئۈچ ئۆلكىگە ئالداپ كېتىلگەن بالا قۇتقۇزىۋېلىندى

          2-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۇاڭدۇڭ شېنجېن، شېنجېن ساقچىلىرى سەككىز كۈن ئىچىدە ئۈچ ئۆلكىنى ئايلىنىپ، سىچۈەن لۇجۇنىڭ گۇتاۋ ناھىيەسىدىن 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالداپ كېتىلگەن تۆت ياشلىق ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇۋالدى، بۇ ئوغۇل بالا ساقچىلارنىڭ مۇھاپىزىتىدە شېنجېنغا قايتىپ كەلدى. ئايرودرومدا بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن چاغان كېلىشتىن بۇرۇن جەم بولدى.

          رەسىمدە، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالداپ كېتىلگەن تۆت ياشلىق ئوغۇل بالا بىخەتەر ھالدا شېنجېنغا قايىتىپ كىلىپ ئايرودرومدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولدى.

          خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12 دە، لۇڭخۇا ج خ تارماق ئىدارىسىنىڭ لۇڭخۇا ساقچىخانىسى بالىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان دېڭ موفىڭنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى دىڭ يۈەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بولۇپ، 1-ئاينىڭ 26-كۈنى لۇڭخۇا كوچىسى يۈەنخاۋ مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېييىجيا قۇلايلىق دۇكىنى ئەتراپىدا يوقىلىپ كەتكەن، بالا ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك چاپان، قارا ئىشتان كىيگەن، بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر بولۇپ، قىسقا چاچ قويۇۋالغان. مەزكۇر بالا يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كەڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى مېھرىبان كىشلەر بۇ بالىنى بەس-بەستە ئىزدەشكە باشلىغان. مەزكۇر دېلو شېنجېن ساقچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ساقچىلار دەرھال مەخسۇس دېلو گورۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان. شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەزكۇر دېلونى چاغاندىن بۇرۇن پاش قىلىپ، بالىنى قۇتقۇزۇشقا يوليورۇق بەرگەن.

         رەسىمدە 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالداپ كېتىلگەن ئوغۇل بالا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان بولۇپ، بالىنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى شۇنداق تەستە بېسىۋالغانىدى.

       يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر بالىنىڭ 28-چىسلا سىچۈەننىڭ لۇجۇ گۇتاۋ ناھىيەسىگە ئالداپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكى ئالتە غوللۇق خادىم قاتتىق سوغۇققا قارىماي، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈچ ئۆلكىنى ئايلىنىپ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باسقان. ئۇلار سىچۈەن ئۆلكىسى ۋە گۈيجۇ ئۆلكىسىدىكى جامائەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە 2-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت ئىككىدە سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرىنىڭ گۇتاۋ ناھىيەسىدىن 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالداپ كېتىلگەن تۆت ياشلىق جاڭ مويۈەننى بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.

       رەسىمدە 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بالا قۇتقۇزىۋېلىنىپ ئايرودرومدا پەيدا بولغاندا بالىنىڭ ئانىسى بالىنى دەرھال قۇچاقلىۋالغان.

        ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جىنايەتچىنى تۇتۇش جەريانىدا، ساقچىلار ئاللىبۇرۇنلا جىنايەتچىلەرنىڭ بىر ئەر بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولغان، ئاندىن كېيىن ئۇلار سىچۈەن ۋە گۈيجۇ تەرەپلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن. بەلكىم جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى كىشلەرنىڭ بېسىمىدىن بولغاچمىكىن، جىنايەت گۇماندارى بالىنى مېھمانخانىغا يالغۇز  تاشلاپ قويۇپ ئۆزى قېچىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلار بالىنى تاپقان چاغدا بالا ئۆزى يالغۇز مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقانىدى.

       رەسىمدە 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالداپ كېتىلگەن بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر لوڭچېڭ ساقچىخانىسىغا قىزىل لەۋھە تەقدىم قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.

          2-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 7 دە، ساقچىلار ئالداپ كېتىلگەن بالىنى ئېلىپ شېنجىنغا قايتىپ كەلگەن، بالا ئايرودرومنىڭ زالىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەن. بالا بۇ قېتىمقى پېشكەللىككە ئۇچراپ ئازراق قورقۇنچاق بولۇپ قالغان، ئۇ باشتا ساقچىلارنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمىغان. نۆۋەتتە، ساقچىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇشقا ئاتلاندى. ساقچىلار ناھايىتى تېزلىكتە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى ئىقرار قىلغۇزغان. ساقچىلار كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشقا ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلغان.



خەتكۈچلەر:
05-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
05-05-2016
     يۈننەن شياڭگېرىلا بالوڭزون قارلىق تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5545 مېتىر بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگېرىلادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى بالوڭزون قارلىق &nbs...
04-05-2016
    «ياشلىقنى مەدھىيىلەش، مېھىر-مۇھەببەت تۇتاشتۇرۇش» شىنجاڭ «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلىق كونسېرتى غەلىبىلىك ئاياغلاش...
04-05-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› ناملىق كونسېرت 28 – ئاپرېل ئاپتون...
04-05-2016
    3-چېسلا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، رايونىمىزدىكى 159 تۈر دۆلەت ساياھەت مەخسۇس تۈر ئامبىرىغا تاللاپ كىرگۈزۈلۈپ بولغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ...
Powered by Leglek