ئامېرىكا قوشما شىتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقى (UPI) نىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى جون فورىست ئىسىملىك بىر ئەر پاراشوتتا سەكرەۋاتقاندا ئامىتى قېچىپ بىر ئايروپىلانغا سوقۇلۇپ كەتكەن. بىراق ئۇنىڭ پاراشوت سەكرەش قىزغىنلىقى قىلچىلىك سوغۇپ قالمىغان، تېخى ئۇ كېلەر قېتىملىق پاراشوت سەكرەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلماقتا.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جون پاراشوتتىن سەكرەۋاتقاندا 87 ياشلىق شاننون ھەيدىگەن كىچىك ئايروپىلان دىققەتسىزلىكتىن جونغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ھەر ئىككى ئادەم 23 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ ئىككەيلەننىڭ بەدىنىدىكى سۈرۈلۈپ كەتكەن جايلار ۋە ئازراق ئىشىپ قالغان جايلاردىن باشقا ھېچقانداق يېرى يارىلانمىغان. ھەتتا 87 ياشلىق بوۋايمۇ ھېچنېمە بولمىغان.
جوننىڭ دېيىشىچە، ئۇ پاراشوتتىن سەكرەيدىغان سايمانلىرىنى تەييار قىلىپ بولۇپ، سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە يەنە داۋاملىق پاراشوتتىن سەكرەيدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ:« پاراشوتتىن سەكرەش ماڭا ئالەمچە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلدى، مەن ھەرگىزمۇ بۇ يولدىن قايتمايمەن، سالامەتلىكىم تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە يەنە پاراشوت سەكرەيمەن.»
ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى فوتوگراف تىم تەرىف دەل ۋاقتىدا پۈتۈن كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بۇنداق ئىشلار يۈز مىڭ يىلدىمۇ بىر قېتىم يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك، ئايروپىلان چۈشۈۋاتقان پاراشوتقا سوقۇلدى، پۈتۈن ئايروپىلان بىراقلا 180 گىرادۇس ئايلاندى، پاراشوتتىن سەكرىگۈچى شۇ ھامانلا ئايروپىلانغا سوقۇلدى. ئايروپىلاننىڭ پاراشوتتىن سەكرىگۈچىگە سوقۇلغان ئاۋازى سىزنىڭ بېشىڭىزنى دەرەخكە سوقۇۋالغان چاغدىكى ئاۋازغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، بەك ھەيران قالارلىق!»
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى دەل «دۇنيا پاراشوت سەكرەش بىخەتەرلىك كۈنى» ئىكەن.
يەر شارى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved