شۆھرەت زاكىر مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن تىرېنېرلاردىن ھال سورىدى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 3 - يانۋار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىگە بېرىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە خىزمەتچىلەردىن ھال سوراپ، كۆپچىلىكنى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ، مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە ۋە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.   شۆھرەت زاكىر مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە مەشىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىدىن ھال سورىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىك ۋە مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭلىق تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە بارلىق خىزمەتچىلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئالغان مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولغاچقا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئىتى قۇرۇلغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ توغرا يېتەكلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىنىپ، ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نىشانغا يەتتۇق.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلدى: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى، مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شۇڭا، تەنھەرىكەتچىلەرگە پائال ئالغا ئىنتىلىپ، قەيسىرانە ئېلىشىدىغان روھىي قىياپىتى ۋە ياخشى تەنتەربىيە ئەخلاق - پەزىلىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق يەتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. تەنھەرىكەتچىلەر ئىلمىي مەشىق قىلىشقا دىققەت قىلىپ، سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسراپ، ئەڭ ياخشى ھالەت بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشى كېرەك؛ مۇسابىقە مەزگىلىدە، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىجابىي ئوبرازى ۋە ياخشى روھىي ھالىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ توپلىشى كېرەك؛ پەن تەتقىقات، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەييارلىق كۆرۈش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك .

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن بىلەن تيەن ۋېن يوقلاش ۋە ھال سوراشقا قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek