باغدادنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئىبراھىم باتىل سامارا ، ئامېرىكا تەرەپ ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە ياكى ئۆلتۈرگەنلەرگە 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-دېكابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، لىۋان خەۋپسىزلىك قىسمى خادىملىرى سۇرىيە چېگرىسى ئەتراپىدىن ‹‹ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكرى باغدادنىڭ ئايالى ۋە كىچىك بالىسىنى تۇتۇۋالغان .
لىۋان ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، 10 كۈن بۇرۇن بۇ ئىككىيلەن ساختا گۇۋاھنامە بىلەن لىۋانغا كىرگەندە ھەربىي قىسىم ئاخبارات ئەمەلدارى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان . نۆۋەتتە ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇلارنى سوراق قىلىۋېتىپتۇ .
باغداد بۇ يىل ئىيۇندا سۇرىيە ۋە ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى كونترول قىلىۋالغان ‹‹ئىسلام دۆلىتى›› قۇرغان خەلىفە دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان . ئالدىنقى ئايدا بۇ تەشكىلات باغدادنىڭ ئامېرىكا مۇسولغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغاندا ئۆلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقىنى ئىنكار قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved