ئىسىم -فامىلىسى: لىيۇ تاۋ
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1978-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
تۇغۇلغان يۇرتى: جىياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى شىخۇ رايونى
مىللىتى: خەنزۇ
قان تىپى: O
بەدەن ئېغىرلىقى: 50 كىلوگىرام
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: گۇاڭجۇ چەتئەل تىللىرى مەكتىپى
ئائىلىسىدىكىلەر: يولدىشى، قىزى، ئوغلى
ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «ئاق يىلان رىۋايىتى»، «ئانا جەمەت»، «بۈگۈن كېچە پەرىشتە چۈشىدۇ» قاتارلىقلار
لىيۇ تاۋ 15-يېشىدا نەنجىڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىگە كىرگەن، ئىككى يىل شۇ يەردە ئىشلىگەن. كېيىن گۇاڭجۇغا يۆتكىلىپ ئىشلىگەن. كېيىن گۇاڭجۇ تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن، 2000-يىلى «ياقا يۇرتلۇق كېلىن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان؛ 2002-يىلى «مەلىكە خۇەنجۇ 3» دەل رول ئالغان، ئارقىدىنلا «天龙八部»دا رول ئېلىپ بىراقلا داڭقى چىقىپ كەتكەن؛ 2005-يىلى تارىخى فىلىملەردىن «ئاق يىلان رىۋايىتى» قاتارلىقلاردا رول ئېلىپ تاماشىبىنلارغا تۇنۇلۇش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلگەن. 2008-يىلى، ۋاڭ كې بىلەن توي قىلىپ، بىر قىز بىر ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولغان. 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، لىيۇ تاۋ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرغان ئايال باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لىيۇ تاۋ 27-قېتىملىق ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئەت مۇكاپاتىدا كىنو خانىشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، يىللىق ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئايال چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved