ئامېرىكىدا قورال سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى قاتناش ۋەقەسىدىن ئېشىپ كەتتى

    ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىپ مەركىزىنىڭ مۇشۇ ئايدا ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 60 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدا قورالنىڭ ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش نىسبىتى تۇنجى قېتىم قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى قورال بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، باشقىلارنى ئېتىۋېتىش ۋە قورال ئىشلىتىش جەريانىدا كېلىشمەسلىك سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچراش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى ماشىنىلارنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى، ئادەم سوقۇۋېتىش قاتارلىق قاتناش ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى 10 مىڭدىن 10.3 مىڭغا يېتىدىكەن.

    «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 17-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قورالنىڭ ئۆلۈشكە سەۋەب بولۇش نىسبىتى بىلەن قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئىككى يۈزلىنىش ئىنتىلىش سىزىقى «يېقىنلاشقان» بولۇپ، سەۋەبى 1950-يىلىدىن بۇيان قاتناش ۋەقەلىرىدە قازا قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، ئامېرىكىدا ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 25 ئادەم قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ تاناسىپنىڭ يېرىمى تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا قورال سەۋەبىدىن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرىلىغان.

   سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب كېسەللىك بولۇپ، راك ۋە يۈرەك كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لېكىن، قاتناش ۋەقەسى ۋە قورال سەۋەبىدىن ئۆلۈش كېسەللىكتىن قالسىلا يەنە بىر ئەڭ چوڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋېلىش ۋە ھاراقتىن زەھەرلىنىشتىن يۇقىرى ئىكەن.

    ئۆتكەن 65 يىلدا، قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈشنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەب ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تېخىمۇ قاتتىق قانۇن-نىزاملار ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ماشىنىلارغا چوقۇم بىخەتەرلىك بەلبېغى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان. 70-يىللىرى، جىددىي تورمۇزلاش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. 80-يىللىرى، كىشىلەر ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋە بىخەتەرلىك بەلبېغى تاقاشقا دىققەت قىلىدىغان بولغان. 90-يىللىرى، بىخەتەرلىك ھاۋا خالتىسى ئىشلىتىلگەن... يېقىنقى يىللاردىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماشىنىلارغا ئېلېكتىرونلۇق تۇرغۇن سىستېما ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، زېھنىنى چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى جازالاش كۈچنى چوڭايتقان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى بىر قەدەر قالايمىقان بولۇپ، ئىلگىرىكى بەزى قورال ئىشلىتىش چەكلىمىلىرى بىكار قىلىۋېتىلگەن، مەسىلەن، 1994-يىلى ماقۇللانغان زەربە بېرىش تېپىدىكى قورال چەكلەش بۇيرۇقى 2004-يىلىدىن كېيىن ئۇزارتىلمىغان. مۆتىدىل قورال چەكلەش بۇيرۇقى (سېتىۋالغۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپ سانلىق قورال ئىگىلىرى ۋە ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق قورال ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوللىغۇچىلار ۋە پۈتۈن دۆلەتتىكى  قورال-ياراغ جەمئىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، بۇ قانۇن ماقۇللانمىغان.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek