ــ قىرغىزىستان زۇڭلىسى جومارت ئوتۇربايېفنى زىيارەت
مۇخبىرىمىز سادىق ئىمىر
‹‹جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى خەلقئارالىق ئىقتىساد، تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندى، شۇنداقلا يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە شانلىق يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالدى››. بۇ، 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان قىرغىزىستان زۇڭلىسى جومارت ئوتۇربايېفنىڭ 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزى.
جومارت ئوتۇربايېف مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىرقانچە نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىزگە ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە مۇھىم رولىنى نامايان قىلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى جۇڭگوغا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، يەنە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش، جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى ئەمەلىي ھەمكارلىشىش، ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇش، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى بولۇپلا قالماي، يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئورتاق ئىشى.
جومارت ئوتۇربايېف جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى ۋە سودىگەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ قاتناش – تىرانسپورت ھەمكارلىقى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلدى، قەشقەر، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ سارتاش، ئوش ئارقىلىق بېشكەككە تۇتىشىدىغان تاشيولدىن بىرى بار بولدى. بۇ يول ئارقىلىق بىز ئىككى قوشنىنىڭ مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ قويۇق، ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك، نەتىجىمىز تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغۇسى.
جومارت ئوتۇربايېف مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا قىرغىزىستان ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بىزنىڭ جۇڭگو كارخانىچىلىرىغا يەتكۈزمەكچى بولغان مۇھىم ئۇچۇرىمىز شۇكى، قىرغىزىستان قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، ئىنتايىن چوڭ بىر بازارنى ئاچتى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە قىرغىزىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كارخانىچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى جەلپ قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، مال ئوبوروتى جەھەتتىمۇ چوڭ رول ئوينايمىز، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قىرغىزىستان سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مال ئاپىرىپ سېتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى، ئىسسىقكۆل ئوبلاستى، نارىن ئوبلاستى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن چېگرالىنىدۇ، مېنىڭچە، بۇ چېگرا سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر قىرغىزىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ نارىن ئىقتىسادىي رايونى جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ ئىككى تەرەپ چېگرا سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
ئۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تونۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالدىنقى ئايدا قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە تولىمۇ چوڭ ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى، جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ تولىمۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىم ئىمزالىدۇق، جۇڭگونىڭ بىر كارخانىسى قىرغىزىستاندا زاۋۇت قۇرۇپ، سۇ تېجەيدىغان تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقارماقچى بولدى، بۇ، قىرغىزىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكۈسى.
ئۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىشىش جەھەتتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: قىرغىزىستاننىڭ نېفىت ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلىرى ئىنتايىن مول، جۇڭگونىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە قېزىش تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلىشى كېرەك، بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ. ئۇنىڭدىن سىرت، فىلولوگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر نۇرغۇن قىرغىزىستان ياشلىرى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنى خالايدۇ،
ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت – سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىتىشى كېرەك. ئالدىنقى مەزگىلدە قىرغىزىستان جۇڭگونىڭ ساياھەت شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىكىنىڭ كەلگۈسىدىن ئىنتايىن ئۈمىدۋارمەن. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق قاناس كۆلى بار، قىرغىزىستاننىڭمۇ مەشھۇر ئىسسىقكۆلى بار، بۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى. بىز ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved