يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۇچرىغان يېڭى ئەھۋاللار، يېڭى مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ‹‹ئەمگەك توختامىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلىتىشى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتى قوغدىدى. ‹‹پىكىر›› دە مۇنداق كۆسىتىلدى: ئەمگەكچى ئىشقا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شۇ ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان ئىكەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈشى لازىم، شۇنداقلا قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇلۇشى لازىم. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن سەۋەبلىك تاپشۇرۇلمىغان ياكى تولۇق سوممىدا تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئىقتىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئەمگەك توختام مەزگىلى توشۇپ، ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ، بەلگىلەنگەن داۋالاش مەزگىلىدە بولسا، ياكى ئايال خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، ئېمىتىش مەزگىلىدە بولغان بولسا ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەك توختامى ئاپتوماتىك داۋاملىشىدۇ. ئەگەر داۋاملىشىش ۋاقتى توشسا ھەمدە بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەكچى بىلەن يازما توختامنى داۋاملىق تۈزمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى لازىم، شۇنداقلا ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى كېرەك.
ئىش ۋاقتىنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلاش تۈزۈمىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇنىۋېرسال ھېسابلىنىدىغان دەۋر ئىچىدە ئەمگەكچىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي خىزمەت ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك خىزمەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتسە، خىزمەت ۋاقتىنى داۋاملاشتۇرغان ھېسابلىنىپ، شۇ ئەمگەكچىنىڭ بىر سائەتلىك مائاشىنىڭ 150% تىن تۆۋەن بولمىغان ئىسمېنا مائاشى بېرىشى لازىم. قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئەمگەكچى خىزمەت قىلغان بولسا، شۇ ئەمگەكچىنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ 300% ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئىسمېنا مائاشى بېرىشى لازىم.
قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان ئەمگەكچىلەر ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن، قاماپ قويۇلغان ياكى قولغا ئېلىنغان بولسا، جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان شۇ مەزگىلدە ياكى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزغان مەزگىلدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاقتىنچە ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتسا بولىدۇ. ئەمگەك توختامى ۋاقتىنچە ئىجرادىن توختىغان ۋاقىت ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا خىزمەت قىلغان يىل دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشتا 30 كۈن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش يېزىشى، بىكار قىلىشتىن ئىلگىرى ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى لازىم. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلماي، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved