ياپونىيىدىكى دىكتور بىر تەرەپتىن يىغلاپ بىر تەرەپتىن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى

       ياپونىيە ئاخبارات تارقىتىش جەمئىيىتى (NHK) ياماگاتا ئاخبارات تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش دىكتورى 1-چېسلا كۈنى كەچتە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ئاڭلىتىۋاتقاندا توساتتىنلا يىغلاپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ قالغان. تورداشلار بۇ قىز دىكتورنىڭ تېلىۋىزور ئېكرانىدا يىغلاپ كېتىشىدىكى سەۋەبى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندا، بۇ قىز دىكتور رۇخسەت سوراپ ئىشقا چىقمىغان بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىروگراممىسىغا چىقمىغان.  

       ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش دىكتورى-ئوكادا 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدا كۆرسىتىلگەن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش پىروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، پىروگراممىنىڭ دەسلىپىدە ئۇ ناھايىتى سالماق ھالەتتە:«12-ئايدىن باشلاپ، خۇددى مۇشۇ پەسىلدىكى ھاۋارايىغا  ئوخشاشلا ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىدى، بەزى چاغلاردا ئارىلاپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى» دەپ مەلۇماتىنى باشلىغان، لېكىن ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن دىكتورنىڭ ئاۋازى تەدرىجىي ھالدا يىغا ئاۋازىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا ئۆكسۈپ ئاۋازىمۇ چىقماي قالغان.

       ئوكادا بىر تەرەپتىن يىغلاپ يەنە بىر تەرەپتىن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، كامىرا سىرتتىكى كۆرۈنۈشتىن ئاستا-ئاستا كۆرسىتىش ئۆيىگە قارىتىلغاندا كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ياش تۆكۈۋاتقانلىقىنى، يەنە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان. كەينىدىن كامىرا يەنە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى باشقا ئەر-ئايال دىكتورلارغا توغرىلانغان بولۇپ، ئۇلار دەرھال:«كەچۈرۈڭلار، تۆۋەندە يەنە داۋاملىق خەۋەر كۆرسىتىمىز» دېگەن ھەم ناھايىتى خىجىللىق ئىلكىدە:«بۈگۈن ناھايىتى ئوسال كۆرۈنۈش كۆرسىتىلىپ قالدى» دېگەن.

        تورداشلار بەس-بەستە ئوكادانىڭ نېمىشقا شۇنچە قايغۇرغان ھالدا يىغلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان، بەزىلەر ئۇنىڭ شىركەتتە قاتتىق تەنقىد ئاڭلىغان بولۇشىدىن گۇمانلانغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ھەتتا بەزى تورداشلار يەنە ياماگاتا ئاخبارات تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، تورداشلار بۇ ئىش توغرىسىدا ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوكادا نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ شەخسىي بىلوگ تور بېتىدە:«يېقىندىن بېرى قاتتىق چارچاپ، تاماق يېگۈممۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى» دەپ يازغان.



خەتكۈچلەر:
04-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
07-05-2016
    قاتار گەرچە پارس قولتۇقىدىكى كىچىككىنە ئارال دۆلەت بولسىمۇ، لىكىن ئۇ يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ شۇنچە باي بولۇشىدىكى سىر، بىرى ئېنىرگىيە بايلىقى ئىكسپورت قىلىش يەنە بىرى خەمىد بىن خەلىفە ئو...
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
Powered by Leglek