جاھان ئاگېنتلىقى 6-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە يېقىن «مەنار تېلىۋېزىيسى» دا كۆرسىتىلىشىچە، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى قۇراللىقلىرى لىۋاننىڭ شەرقىدە سۇرىيە چېگرىسىغا جايلاشقان نۇسرەت فرونتىنىڭ قۇماندانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. ئىككى تەرەپ سۇرىيەنىڭ قەلەمۇن رايۇنىدا توقۇنۇشىۋاتىدۇ. لىۋان ئاللاھ پارتىيسى رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، نۇسرەت فرونتىغا قارىتىلغان ھۇجۇم يۈز بەردى. سۇرىيەدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان شىئە مەزھىبىدىكى لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى رەھبىرى نەسرۇللاھ، قۇراللىق قىسىملارنىڭ لىۋاندىكى نۇسرەت فرونتى ئەزالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. نۇسرەت فرونتى بولسا ئەل قائىدە «بازا» تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى.
نەسرۇللاھ، سۇرىيەنىڭ قەلەمۇن رايۇنىدا لىۋان ئاللاھ پارتىيسى قۇراللىقلىرى بىلەن باشقا قۇراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسدا داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇش ھەققىدە مۇنداق دېدى؛ «بىز ئىدلىب ۋە جىسر شۇگۇر قولدىن كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن ھۇجۇم ئېلىپ بارمىدۇق. ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
سۇرىيە ئۆكتىچى «فەتىھ ئارميىسى» قىسىملىرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ غەربى شىمالىدىكى قەلەمۇن رايۇنىدا «قەلەمۇننى فەتىھ قىلىش» نامىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەردە 30 نەپەر لىۋان ئاللاھ پارتىيسى قۇراللىقىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 2 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم بار ئىدى. «فەتىھ ئارمىيىسى» قۇماندانلىرىدىن ئەبۇ ھەسەن مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، قۇراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلەمۇن رايۇنىدا لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەرىكەتتە قەلەمۇن رايۇنىنىڭ فىلەيتا ۋە ئاسەل ئەل ۋەرد رايۇنىنىڭ غەربىدە ئۆكتىچىلەر بىلەن لىۋان ئاللاھ پارتىيسى قوللىشىدىكى ئەسەد قىسىملىرى ئارىسىدا زور توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇنۇشلاردا لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رايۇندىكى ھەرىكەت قۇماندانى ئەلى خەلىل ئاليەن ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن تەۋفىق نەججار 30 نەپەر لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى قۇراللىقى بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved