جاھان ئاگېنتلىقى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستاننىڭ غەربى شىمالىدىكى خەيبەر ئۆلكىسى مەركىزى پىشاۋۇر ۋە ئەتراپىدا چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتىق يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان. بىر قىسىم ئۆيلەر ۋەيران بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان مىترولوگىيە ئىدارىسى قاتتىق يامغۇرنىڭ ئالدىمىزدىكى 24 سائەت ئىچىدە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. پاكىستاندا ئەگمە شەكىللىنىش ۋە بىنا ئۆيلەردە ئىشلىتىلگەن ماتىرياللارنىڭ سۈپەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ھەر يىلى نۇرغۇن كىشى ئېغىر يېغىن ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved