پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى كېچە سائەت 0 بولغاندا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2و-ئايلانمىسىدىكى بىر نەيدان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۆز مەيدانى كونا تېررافۇد توپ مەيدانىدا توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن فېللاينى ئاۋال بىر توپ كىرگۈزدى. كارىك كاللا تو ئارقىلىق بىر توپ كىرگۈزدى. رۇنى ئالدى مەيداندىن ئۆز يالغۇز توپ ئېلىپ مېڭىپ بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۆز مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 9-مىنۇتتا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كارىك چىرايلىق كەسمە پاس چىقاردى. فىللاينى توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى 1-0 توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى.
19-مىنۇتتا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ باشلىدى. فىللاينى كاللا توپ ئۇردى، بىراق توپ مۇداپىئەچى توپچى تەرىپىدىن توسىۋېلىندى. كارىك تۇلۇقلاپ ئۇرۇپ توپنى ۋاراتارغا كىرۈزدى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى 2-0 توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى.
34-مىنۇتتا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىدىن بىنتارىبۇ كەينى مەيداندا توپنى رۇنىغا تارتقۇزۇپ قويدى. رۇنى توپنى ئۆز يالغۇز ئېلىپ مېڭىپ مۇداپىئەچى توپچىلارنى ئالداپ ئۆتۈپ ئاخىرىدا ۋاراتارغا كىرگۈزدى. مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى 3-0 توتىنھام نەشتەر كۇلۇبى.
كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. ئاخىرىدا مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، تۇنجى توپنى كىرگۈزگەن فىللاينى پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 8.8 نومۇرغا ئېرىشتى.
مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-دېگىيا.
25-ۋالۇنسىيا.
12-سىمورىن.
4-فېل جونس
21-ئەرىللا
17-بىلىند
16-كارىك
8-ماتا
31-فىللاينى.
18-ئاسلى ياڭ.
10-رۇنى.
توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-روللى
2-كال ۋوركېر
15-دىل
5-ۋىلتونھىن
3-داننى روئىس
42-بىنتارىبۇ
38-مېسسىن
17-تامسىن
23-ئېرىكسۇن
23-ساسلى
18-خارى كاين
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved