چەتئەل تورى تەرجىمىسى لەگىلەك تورى تەرجىمىسى.12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تايلانت زوڭلىسى با يۈ 23-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك تۈمۈر يول باشقارما قۇماندانلىق مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدې ۋە بىيجىڭ-تىيەنجىن ئوتتۇرسىدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگۇ-تايلانت "تۇمۇر يول قىزغىنلىقى "نى قوزغىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا با يۈ بىيجىڭ جەنۇبى ۋوگىزالىغا بېرىپ بېيجىڭ-تىيەنجىن ئوتتۇرسىدىكى پويىزغا ئولتۇردى،ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە كۆپلىگەن ھۈكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى،جۇڭگۇ تۈمۈر يولى ئالاقىدار كىشى جۇڭگۇنىڭ تۈمۈر يول قورۇلۇشى،يۈرۈشتۈرۈلۈشى ۋە تىجارىتى ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى.
تايلانت ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا شىرىكلىشىش،پاي تەقسىم قىلىش نىسبىتى توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى،تايلانت ئۆزىنىڭ تۈمۈر يول يۈرۈشتۈرگۈچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگۇ تەرەپنىڭ تايلانتقا ياردەم بىرىپ تايلانتتا رىمونت قىلىش ۋە ئاسىراش بازىسى قۇرۇپ بىرىشنى ئۈتۈندى.
با يۈ رىلىسنىڭ بىر قىسمىنى تايلانت تەرەپ ئۈزى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرۇشنى ،ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە ئالاقە خەۋىرى سىستىمىسىگە جۇڭگۇ تەرەپ مەسئۇل بۇلۇش تەكلىپىنى بەردى.
با يۈ جۇڭگۇنىڭ تۈمۈر يولىغا زور ئۈمۈد باغلىدى،جۇڭگۇنىڭ تۈمۈر يول باشقۇرۇش مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن تۈمۈر يول باشقۇرۇش،پويىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسلىلەرنى سورىدى.مەسلەن ئاھالىلەرگە ئىشىلتىدىغان پويىز بىلەن مال تۇشۇشقا ئىشىلتىدىغان پويىزنى ئايرىش كىرەكمۇ يوق،ئەگەر تايلانت كونا رىلىسنىڭ ئۈستىگە سائىتىگە 160كىلومىتىر تىزلىكتىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يول ياسىسا باشقا ماشىنىلارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يىتەمدۇ يوق دىگەندەك مەسلىلەرنى سورىدى.جۇڭگۇنىڭ تايلانت-جۇڭگۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۈمۈر يول تۈرىگە مەسئۇل كىشى مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ھەمدە با يۈنىڭ خاتىرجەم بۇلۇشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلدى.
با يۈ جۇڭگۇنىڭ دۇنيا تىنىچلىقىنى قوغداش،ئورتاق تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رۇلىدىن ناھايىتى قايلىل بولىدىغانلىقى،جۇڭگۇ خەلىقىنىڭ تىزدىن جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.تايلانت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە تەرەققى قىلىش جەھەتتە تىرشىچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ،جۇڭگۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە تايلانت-جۇڭگۇ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تايلانت-جۇڭگۇ ئىككى تەرەپ تۈمۈر يول ھەمكارلىقى توغرىسىدا بىردەكلىككە كەلدى،بۇ تايلانتلىقلارغا بولغان ئەڭ ياخشى يېڭى يىللىق سوۋغات بولغۇسى.تايلانت تەرەپ جۇڭگۇ تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ تايلانت يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ كىرگۈزۈشىگە رەخمەت ئېيتتى،بۇ ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
تايلانت جوڭگۇنىڭ 21-ئەسىر دىڭىز ئۈستىدىكى يىپەك يۇلى قۇرۇش تەشەببۇسى ،تۈمۈر يول ،ئالاقە،ساياھەت قاتارلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش،رايۇننىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ئۆز-ئارا تۇتۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئاسىيا-تىچ ئوكيان ئەركىن سودا رايۇنى قۇرۇش نىشانىغا يىتش كۆرىشىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved