خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 80-يىللارنىڭ بېشىدا جۇڭگو-ۋيېتنام چېگراسىغا نۇرغۇن مىنا كۆمۈلگەن ئىدى. دۆلىتىمىز ئىلگىرى ئۈچ قېتىم مىنا تازىلاش ھەركىتىنى تەشكىللەپ كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ لېكىن يەرلىكتىكى كىشىلەر مىناغا تېگىپ كېتىپ يارىلىنىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. گوۋۇيۇەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسدا دۆلىتىمىز جۇڭگو-ۋيېتنام چېگراسىدا يېڭى نۆۋەتلىك مىنا تازىلاش خىزمىتىنى باشلىدى، بۇ قېتىملىق ھەركەت گۇاڭشى، يۇننەندىكى 13 چېگرا رايوندىكى ناھىيە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جۇڭگو-ۋيېتنام چېگراسىدىكى مىنالارنىڭ خەتىرىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ خىزمەت 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ. مۇخبىر گۇاڭشى ئۆلكىسى پىڭشىياڭ شەھىرىدىكى داڭلىق «مىنا كەنتى»نى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئادەمنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان مىنا تازىلاش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.
گۇاڭشى ئۆلكىسى پىڭشىياڭ شەھىرى يىكۇ كەنتى جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرىسىغا يېقىن بولۇپ، تاغلىق يەر كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز ئىدى. 1998-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتە چۈشلۈك تامىقىنى يەپ بولغان كەنت ئاھالىسى لى جىياخۇا كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا قارىماي چېگرا رايوندىكى كونا 13-نومۇرلۇق چېگرا تاختىسىنڭ يېنىغا تېرىلغۇ يەر ئاچقىلى كەلدى. بۇ يەردىكى مىنالار تازىلىنىپ بولغان بولغاچقا ئۇ ھوشىيارلىقىنى يوقاتقان ئىدى، لېكىن «بوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئىس-تۈتەك ھەممە يەرنى قاپلىدى، لى جىياخۇا نەق مەيداندىلا ئايلىنىپ كەتتى، لى جىياخۇا كۆزىنى ئاستا ئاچقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سول پۇتىنىڭ يوقلىقى، قىپقىزىل قانلارنىڭ ئەتراپنى بىر ئالغانلىقىنى كۆردى. بەختكە يارىشا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ماشىنىسى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ سول پۇتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمىدى. 32 ياش دېگىنىمىز ئادەمنىڭ ياشلىق ھاياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقىتلار، لېكىن ئۇ دەل مۇشۇ گۈزەل ۋاقتىدا ئوڭ پۇتىدىن ئايرىلىپ، قىسمەن ئەمگەك قىلىش ئىقىتىدارىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئىلگىرى ئۇ موتسىكلىت بىلەن كىرا قىلىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، يارىلانغاندىن كېيىن ئۇ ئەمگەك قىلالمىغاچقا بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانغا پۇل يوق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. سۈرەتتە: لى جىياخۇا 1998-يىلى چېگرا رايوندا يەر ئاچماقچى بولغاندا سول پۇتى مىنا پارتىلاپ ئۈزۈلۈپ كەتتى، ئوڭ پۇتىمۇ يارىلاندى.
بىر يىلدىن كېيىن شۇ كەنتتىكى لىياڭ يوڭ لى جىياخۇا ۋەقەگە يولۇققان جاينىڭ يېنىدا مىنا پارتىلاپ نەق مەيداندىلا ئۆلۈپ كەتتى. كەنت ئاھالىسى ما شىيەنتۇمۇ بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن مۇشۇ جايدا يارىلانغان ئىدى. 1987-يىلى تاغقا چىقىپ ئوتۇن كەسكى ماڭغاندا سول پۇتى مىنا پارتىلاشتا ئۈزۈلۈپ كەتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي كېسىۋېتىلدى. ھازىر تاشقى سودا بىلەن گۈللەنگەن بۇ كەنتتە ما شىيەنتۇنىڭ ئۆيىدەك پاكار ئۆيلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، ئەمگەك قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ما شىيەنتۇ ئامالسىز خولۇم-خوشنىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھايات كەچۈرىدۇ. كەنت ئاھالىسى يۈ جىيادوڭ ئىلگىرى خەلق ئەسكىرى بولۇپ، 1979-يىلى مىنا تازىلاش جەريانىدا سول پۇتىدىن ئايرىلدى. يىكۇ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كافېڭدىن ئىبارەت ئىككى مىنا كەنتى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇ مۇنداق چاقچاق قىلدى:« بەزىدە ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرساق، پۇتىمىزنىڭ سانىمۇ ئۈچ بولاتتى.» سۈرەتتە: كەنت ئاھالىسى لى جىياخۇا 1998-يىلى چېگرا رايوندا تېرىلغۇ يەر ئاچقاندا مىنا پارتىلاپ سول پۇتىدىن ئايرىلدى.
مىنا پارتىلاش سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پەقەت بۇ ئىككى كەنت ئاھالىسى بولماستىن بەلكى گۇاڭشى ئۆلكىسى بىلەن ۋيېتنامنىڭ سودا ئالاقىسى كۆپەيگەنسېرى قىسمەن رايونلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپلەر ئۆزىنى ئاشكارىلىماقتا ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنداق پارتىلاش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كەلدى. 2006-يىلىدوسىتلۇق تاموژنا مەيدانى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا بىر توپا قېزىش ماشىنىسى مىناغا تېگىپ كەتكىلى تاس قالدى. دوسىتلۇق تاموژنا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4-بۆلىمىنىڭ يېتەكچىسى لو باۋيۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا يەنىلا دەككە-دۈككە ئىچىدە ئىدى. شوپۇر ئۇستاممۇ ئىش باشلىغىلى ئۇنىماي، تاماكا تۇتاشتۇرغاندا قوللىرى تىترەپ كەتكەن ئىدى. سۈرەتتە: كەنت ئاھالىسى يۈ جىيادوڭ ئىلگىرى خەلق ئەسكىرى بولۇپ 1979-يىلى مىنا تازىلاش جەريانىدا سول پۇتىدىن ئايرىلدى.
گەرچە ئىككى قېتىملىق چېگرا رايوندىكى مىنا تازىلاش ۋە بىر قېتىملىق چېگرا ئېنىقلاش مىنا تازىلاشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ رايونلاردا يەنىلا تازىلاش قىيىن بولغان مىنالار ساقلانغان ئىدى. 11-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرىسى گۇاڭشى ئۆلكىسى بۆلىكىدىكى مىنا تازىلاش ھەركىتى رەسمىي تۈردە باشلاندى، ئاساسلىقى نىڭمىڭ، پىڭشىياڭ، داشىن، جىڭشى قاتارلىق سەككىز ناھىيە (شەھەر)دىكى 57 نۇقتىدىكى مىنا رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئىككى مىليون كۋادرات مېتىر كېلەتتى. ھەممىدىن بۇرۇن تازىلاش ئېلىپ بېرىلغىنى پىڭشىياڭ شەھىرى دوسىتلۇق تاموژنا ئېغىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان 01-نومۇرلۇق مىنا مەيدانى بولۇپ، كۆلىمى ئون مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، 01- نومۇرلۇق مىنا مەيدانىدا تازىلاش ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىندى، ھەمدە يەرلىكنىڭ چېگرا سودىسىدا مال يۆتكەشكە ئىشلىتىدىغان يول ياسىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. مۇخبىر گۇاڭشى ھەربىي رايوندىكى مەلۇم قىسىمدىكى مىنا تازىلاش ئەترىتىگە ئەگىشىپ مىنا رايونىغا كىردى، ھەمدە كىشىنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان جىددىي مىنا تازىلاش ھەركىتىنى باشتىن كەچۈردى.
ئەتىگەندە دوسىتلۇق تاموژنا ئېغىزىنىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى. يۈك مەيدانىغا كىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان جۇڭگو-ۋيېتنام يۈك ماشىنىلىرى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى. يۈك مەيدانىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغىنى گۇاڭشى 01-نومۇرلۇق مىنا مەيدانى ئىدى. بۇ جاي ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان ئويمانلىق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تاغ يانباغرى بۈگۈن تەكشۈرىدىغان نىشان ئىدى، 80 گىرادۇسلۇق تىك يانباغىردا ماڭغاندا ئادەم بەكمۇ قىينىلاتتى، ماشىنا ئادەم ئىشلىتىپ مىنا تازىلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ۋەزىپىنى گۇاڭشى ھەربىي رايوندىكى مەلۇم قىسىمنىڭ مىنا تازىلاش ئەترىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەسكەر دۇ جەنلوڭنىڭ بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئاللىقاچان 15 يىل بولدى. ئۇ بۇ ئەترەتتىكى ئەڭ تەجرىبىلىك مىنا تازىلىغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قوغدىنىش كىيىنىڭ ئېغىرلىقى 30-40 جىڭ كېلىدۇ، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى قوغدىنىش ئۆتىكىنى كىيگەندە مېڭىش بەكمۇ قىيىنغا توختايدۇ. ھەركەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئۇ بەزى قوغدىنىش قوراللىرىدىن ۋاز كەچتى. سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو-ۋيېتنام چېگراسى گۇاڭشى بۆلىكىدىكى 01-نومۇرلۇق مىنا مەيدانى ئىچىدىكى تىك تانباغىردا مېڭىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، مىنا تازىلىغۇچىلار جەبىر-جاپادا مىنا تازىلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
گەرچە نەچچە كۈن بۇرۇن پارتىلىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە يەنىلا ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر قويۇق ئۆسكەن بولغاچقا توكلۇق ھەرە بىلەن يول ئېچىپ مېڭىشقا توغرا كەلدى. تەجرىبىلىك ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇ جەنلوڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن يېڭى ئەسكەرلەرگە توغرا بەلگە سېلىپ مېڭىشنى قايتا-قايتا تاپىلىدى. نەچچە ئون كۋادرات مېتىرلىق يەردە تۆت نەپەر مىنا تازىلىغۇچى ئەسكەر ھەر بىر قەدەم ئالغاندىن كېيىن ئارقىسىغا بىر سېرىق بايراق قاداپ، بۇ يەرنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ھېچكىممۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايىتتى، پۈتۈن تاغ يانباغرىدا پەقەت مىنا تازىلىغۇچ چىقارغان ئاۋازنىلا ئاڭلىغىلى بولاتتى. سۈرەتتە: جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرا رايونى گۇاڭشى بۆلىكىدىكى 01-نومۇرلۇق مىنا مەيدانىدا بايقالغان ئازادلىق ئارمىيە 58 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەردىن قوغدىنىش مىناسىنىڭ ئەتراپىغا قىزىل بايراق قادىلىپ، ئاگەھلاندۇرۇش بېرىلدى. دۇ جەنلوڭنىڭ ئېيتىشىچە مەشغۇلات ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ئاۋازغا نىسبەتەن بەك سەزگۈر بولۇپ كېتىدىكەن، ئاۋازدا كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولسىلا بۇ يەردە مىتال ۋە ياكى مىنا قاتارلىق بۇيۇملار بارلىقىدىن گۇمانلىنىش كېرەك ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. 20 مىنۇتتىن كېيىن دۇ جەنلوڭ ئىشلىتىۋاتقان مىنا تازىلىغۇچ چىقىراپ كەتتى. ئۇ دەرھال ئارقىسىدىكى ئەسكەرلەرنى تۆمۈر گۈرجەك ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، ھەمدە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تۇپراق ئاستىنى كولاشقا باشلىدى. بىر مەھەل كولىغاندىن كېيىن بۇ يەردە نۇرغۇن مىتال بومبا پارچىلىرى ساقلىنىپ قالغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى، بۇ خىل ئەھۋال مىنا تازىلاش خىزمىتىگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. دۇ جەنلوڭنىڭ مىنا تازىلىغۇچى سايرىغاندىن تارتىپ، ئون مېتىر يىراقلىقتا تۇرغان كوماندىر يۈ يىڭ ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى، ئەسكەرلەرنىڭ نەچچە قەدەم مېڭىشىمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئۇ نەق مەيداندىكى خادىملارغا مىنا تازىلىغاندا قەدەم سانىنى ئازايتىشنى، كىچىك قەدەمدە ماڭماسلىقىنى، قەدەمنى چوڭ-چوڭ ئېلىشنى ،بىخەتەرلىكنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يەنە بىر قەدەم ئېلىشنى، قېتىم سانىنى ئازايتىشنى تاپىلىدى.
دۇ جەنلوڭ تاغ چوققىسى تەرەپكە نەچچە مېتىر ماڭدى، تونۇش ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2-نومۇرلۇق مىنا تازىلىغۇچى ئەسكەرنىڭ 58 تىپلىق مىنادىن بىرنى بايقىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. دۇ جەنلوڭ بۇ مىنانىڭ ئىچىدىكى دورا مىقدارىنىڭ 200 گىرام TNT ئىكەنلىكى، تۆت مىلىمېتىرلىق پولات چىۋىقنى سۇندىرىۋېتەلەيدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. 01-نومۇرلۇق مىنا رايونىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشان بىر سائەتتىن كېيىن تازىلاپ بولۇندى، شۇ كۈنى جەمئىي ئىككى مىنا بايقالدى. دۇ جەنلوڭ تاغ يانباغرىدىن چۈشكەندە باش-كۆزى قارا تەرگە چۆمگەن ئىدى. جاراڭلىق پارتىلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، مىنا ئەسلى جايدىلا پارتىلىتىلدى. كەلگۈسىدە بۇ يەردە جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرا رايونىدىكى يېڭى بىر يۈك توشۇش يولى پەيدا بولىدۇ. بەزى يەرلەردە ھەتتا يولمۇ يوق، مىنا تازىلىغۇچى ئەترەت تۆت سائەت ئۇدا يول يۈردى. سۈرەتتە: مىنالار مىنا رايونى ئىچىدە ئەسلى ئورنىدا پارتىلىتىلدى.
01-نومۇرلۇق مىنا رايونىنى تازىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىنا تازىلاش ئەترىتى ۋاقىتلىق رەتلەش، خۇلاسە قىلىش ئېلىپ باردى. كېلەر ئايدا يەنى كېلەر يىلى 1-ئايدا باشقا مىنا مەيدانىغا ئاتلىنىدۇ. سۈرەتتە: جۇڭگو-ۋيېتنام چېگرا رايونى گۇاڭشى 01-نومۇرلۇق مىنا مەيدانى ئىچىدە ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر پارتىلاتقۇچ ماددىلارنى پارتىلىتىش مەيدانىغا ئەكەلگەندىن كېيىن ،ئارام ئالماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved