جۇڭگو ھازىرغىچە ئەركىن سودا كېلىشىمىدىن 12نى ئىمزالىدى، بۇ 20 دۆلەت ۋە رايونغا چېتىلىدۇ. بۇلار جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، سىنگاپور، پاكىستان، چىلى، پېرۇ، كوستارىكا، ئىسلاندىيە، شۋېتسارىيە بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى؛ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئامىننىڭ تېخىمۇ زىچ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئىككى تەرىپى ئىقتىساد ھەمكارلىقى رامكىسى كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆپلىگەن ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ تەدرىجىي يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، چەتئەل تاۋارلىرىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلدى.
جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئاخىرىدا كەچۈرۈم قىلدى. جۇڭگومۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاۋسترالىيىنىڭ مەزىلىك راكلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي رېستورانلاردىن تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرمۇ ئاۋسترالىيىنىڭ كالا گۆشلىرى ۋە قىزىل ھاراقلىرىنى تىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.
2004-يىلى جۇڭگو بىلەن كورىيە ئەل ئىچىدە يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەتقىقاتنى باشلاشنى جاكارلىدى، بۇ يىل ماھىيەتلىك سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇردى.
ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئېچىۋېتىش سەۋىيىسىدىن قارىغاندا ، ئىككى تەرەپنىڭ مال سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش نىسبىتىدە باج تۈرى %90، سودا سوممىسى %85 ئاشتى. بۇ كورىيە كىيىم كېچەكلىرى، ئاپتوموبىلى ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگودا سېتىش يولىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كورىيىنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ياش ئايال ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار جۇڭگو بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن باھاسى ئۆرلىمەكتە. جۇڭگو بىلەن كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، باھادىكى پەرق تارىيىشتىن ئۈمىد بار. كورىيە پەرداز بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا بويتاقلار بايرىمىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق بولىدۇ.
2008-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو بىلەن يېڭى زېللاندىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ جۇڭگو بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەت ئىمزالىغان تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمى. كېلىشىمدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: جۇڭگو 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى زېللاندىيىدىن سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش تاموژنا بېجىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى سۈت ۋە قايماق ، سېرىق ماي، ئىرىمچىكنىڭ تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى سۈت تالقىنىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. يېڭى زېللاندىيە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تاللىشىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەتلەر ھاسىل قىلغان تۇنجى ئەركىن سودا رايونى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىرت بىلەن ئورناتقان تۇنجى ئەركىن سودا رايونى.
جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي نەپ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئىسسىق بەلۋاغ مېۋە چېۋىلىرى ئېلىمىز بازىرىدا كۈنسايىن ئومۇملاشتى. تايلاندنىڭ گۈرۈچى، ۋېيېتنامنىڭ ماش تورتلىرى ، فىلىپپىننىڭ قۇرۇق ئەنبەھلىرى ، ھىندونېزىيە ، مالايسىيالارنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرى تەدرىجىي جۇڭگو ئاھالىلىرىگە كىرىشكە باشلىدى.
ئۈزۈم ھارىقىنى تىلغا ئالغاندا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئوتتۇرا يەر دېڭىز كېلىپ، ئۈزۈم ھارىقى دېسە فرانسىيەلا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بىراق جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلى ئۆزگىچە كىلىمات ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تارىخىغا تايىنىپ، ياۋروپادا بازار تېپىپلا قالماستىن يەنە جەنۇبىي ئامېرىكىدىمۇ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. جۇڭگو بىلەن چىلى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى 2005-يىلى ئىمزالىدى. 2006-يىلى رەسمىي يولغا قويدى. باھاسى ئەرزان، سۈپەتلىك ئۈزۈم ھارىقىنى بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار قوبۇل قىلماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved