شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈنمىڭدىن يوللىغان تېلىگىراممىسى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دەلىللىشىچە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
كەچتە كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا پىچاق بىلەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش دىلوسىدا 3-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0:00 گىچە جەمئى 27ئادەم ئۆلۈپ، 109 ئادەم يارىدار بولغان.
1-چىسىلا كەچتە، بىر تۈركۈم قارانىيەتلەر قۇرال كۈتۈرۈپ كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يولۇچىلارنى چاناپ قەتلىئام قىلغان. نۆۋەتتە بىر قانچە قارانىيەت بىر تەرەپ قىلىندى، ھەمدە نەق مەيدان ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى ئارقىلىق ئايرىلدى، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىن سىرتىغا 150 مىتىر ئەتراپىدىكى دائىرىدە غول يوللار قامال قىلىندى، نۆۋەتتە پويىز ئىستانىسىسى ئىچىدىكى كىشىلەر ھازىرغىچە تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىر نەق مەيداندا جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئالاھىدە ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش، 120 قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە كۈچلەرنىڭ نەق مەيدانغا كىلىپ تەق بوپتۇرغانلىقىنى، ساقچى ماشىنىلىرى سانىنىڭ 10 غا يىتىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن ساقچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
مۇخبىر كۈنمىڭ شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا دوختۇرخانا زالى ۋە جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىكى يارىدارلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىكىنى كۆرگەن، جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ تىزىملاش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 24:00 كىچە قۇبۇل قىلىنىپ داۋالانغان ياكى ئۆلگەن يارىدار 60 تىن ئارتۇق ئىكەن، كونكېرت ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتى ھازىر دەلىللىنىۋېتىپتۇ. تىببى خادىملار ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدار بولغان ئاممىنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ، يارىدارلار ئارىسىدا يەنە نۇرغۇن ساقچىلارمۇ بار، بىر نەپەر ساقچىنىڭ باش قىسمى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ھازىر جىدى قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
1-چىسىلا 23:00 دىن ئازراق ئۆتكەندە كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى بىر قانچە كىسىشمە يول ئېغىزلىرىدا ھەربى ھالەت يۈرگۈزىلىۋاتاتتى، پويىز ئىستانسىسىىنىڭ ئالدىدىكى قاراۋۇلخانىدا ياڭ زىچىڭ ئىسىملىك بىر ئايال مۇخبىرغا سائەت 9:00 غا ئازراق قالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ قولىغا پىچاق ئېلىپ كۆرگەنلا ئادەمنى چاناشقا باشلىغانلىقىنى بىر قانچە يۇرتداشنىڭ ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى يارىلانغانلىقىنى، ئىككىسىنى دوختۇرخانىغا ئەكەتكەنلىكىنى، ياڭ زىچىڭ ھازىرغىچە يولدىشى بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved