ئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بەرگەندىن بۇيان، فىرانسىيە ئىقتىسادى بارغانچە ناچارلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادى كىرىزىستىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇش 2012-يىلىدىكى فىرانسىيەنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھوللاندى رىقابەتچىسى ساركوزى بىلەن ئوخشاش بولمىغان لايىھەنى ئوتتۇرغا قويدى. ھوللاندى بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئۆستۈرۈپ، قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىش، قەرزنى ئازايتىشنى تاللاپ، سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بايلاردىن %75 باج ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى؛ ساركوزى بولسا فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى پاراۋانلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. بىر قانچە يىل مالىيەنى قىسىش سىياسىتىنى باشتىن كەچتۈرگەن فىرانسىيە سايلىغۇچىلىرى، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ بايلارغا زەربە بېرىش سىياسىتىنى تەبىئىيلا قوللىدى، نەتىجىدە ھوللاندى سايلامدا غەلىبە قىلدى.
ھالبۇكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ھوللاندىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان ۋەدىسى تۈسىنى يوقاتتى: بايلار بېجى ۋاقىتلىق باجغا ئۆزگەردى، 2013-يىلى ۋە 2014-يىللىق كىرىمىدىنلا باج ئېلىندى، 2015-يىلىدىن باشلاپ بۇ باج بىكار قىلىنىدىغان بولدى؛ باج نىسبىتى %75تىن %50كە چۈشۈرۈلدى. شۇڭا فىرانسىيە خەلق جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رىقابەت داۋامىدىكى ۋەدىسى بىر مەھەللىك تۇمانغا ئوخشاپ قالدى، فرانسىيەلىكلەرنىڭ يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان باي نامراتلىق پەرقى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە سەل قارىدى، خەلق جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، بايلاردىن %75 باج ئېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلىش مۇراجىتىدىن سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ھەمىشە قۇرۇق ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە فىرانسىيە ئىقتىسادىنى %2تىن %2كېچە ئۆستۈرىدىغانلىقى، 2013-يىلى مالىيە قىزىل رەقىمىنى %3تىن تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغانلىقى، ئاممىۋىي چىقىمنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى خامچوتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %47 ئىچىدە ئازايتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن بۇ ۋەدىلەر كۈلكە ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. 2012-يىلى 9-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: بىر يىل ۋاقىتتا، يەنى 2013-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن فىرانسىيەدىكى ئىشسىزلار نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ۋەزىيەتتە ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، شۇندىن كېيىن يەنە بۇ چەك 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا ئۇزارتىلدى، ھازىر 2014-يىلىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە ئۆرلەپ كەتتى. سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى ئەمەلگە ئاشمىدى.
سوتسىيالىستلار پارتىيەسى سايلام مەزگىلىدە يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى: كەلگۈسى بەش يىلدا 2 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش ئۆي سالىمىز، بۇ ھەر يىلىغا 500 مىڭدىن توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى 332 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4 ئازايغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي سېلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تەس بولۇشى مۇمكىن.
سوتسىيالىستلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىنى ئاقلاپ، كىرىزىس بىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئەمەس، دېدى. دېمىسىمۇ ئوڭچىلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قېلىپ قالغان تارىخىي مەسىلىلەرنى قىسقا ۋاقىتتا ھەل قىلىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى سوتسىيالىستلار پارتىيەسى سايلام باسقۇچىدا، ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىرىزىس دېگەن سۆزدىن ئۆزىنى قاچۇردى. كىرىزىس يوقتەك كۆرسىتىپ كەلدى. شۇڭا ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، سىياسىي جەھەتتە كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان نۇرغۇن قۇرۇق ۋەدىلەرنى بەردى، ھەتتا ھازىرقى شوئارىغا ئوخشاش ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە ئىككى يىل بولدى، سىياسىي نەتىجىسى ياخشى بولمىدى.
سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئوخشاش بولمىدى، ئۇلار سايلىغۇچىلارنى ئالداپ قويدى، شۇڭا نامايىش، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى كۆپەيدى. غەزەپلەنگەن سايلىغۇچىلار ئاخىرىدا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنى جازالىدى. سوتسىيالىستلار پارتىيەسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شەھەر-بازارلار سايلىمى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا ئەل رايىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھەممە ئىشلار بىراقلا يوققا چىقىپ، ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئاز سانلىق گۇرۇھ بولۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە سايلام مەزگىلىدە قۇرۇق ۋەدە بېرىشنى فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىلا قىلىپ كەلگەن ئەمەس، فىرانسىيەدىكى ئوڭچى خەلق ھەرىكىتى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيونلىرىمۇ سايلام مەزگىلىدە قۇرۇق گەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان، بۇ پارتىيە ساركوزى رەھبەرلىكىدە 5 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ئۇلارمۇ ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئازايتىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق سايلام ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمىغان ئىدى، شۇڭا سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلدى.
پارىژ سىياسىي ئىنستىتۇتى سىياسىي تەتقىقات مەركىزى فىرانسىيەدە 2012-يىلىدىن بۇرۇنقى چوڭ سايلامدىن بۇرۇن بىر قېتىم سىياسىيغا بولغان ئىشەنچ ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە %50تىن ئارتۇق فىرانسىيەلىك ئوڭچى، سولچى سىياسىيونلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن، سىياسىيونلار ھەمدە ئۇلارنىڭ سايلام ۋەدىسىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك، ئىشەنمەسلىك نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved