جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 26 - يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە 13 - بەش يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن شۇ كۈنى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا كەلگەن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جيې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

جاڭ چۈنشيەن كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «13 - بەش يىل»دىمۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم ۋەزىپىلەرنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. بۇ قېتىم «13 - بەش يىل»دا ھەمكارلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «ماس قەدەمدە بەشلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىرىكىگە ئىگە قىلىشىنى؛ ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتى ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا بازىرىنى پائال ئېچىشىنى؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەمىن شىنجاڭ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھازىرقى نەتىجىلەر ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

ياڭ جيې مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى تىپنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇھىم ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بازىسى قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايون بىلەن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى ئىمزالىغان ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، «13 - بەش يىل»دا جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالاقە تورىغا دائىر ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى+ئەمىن شىنجاڭ»، «ئالاقە تورى+خەلق تۇرمۇشى»، «ئالاقە تورى+كەسىپ» قاتارلىق سەككىز چوڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

ياڭ جيې كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى ئەشيا تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئالماشتۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايلىق سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىجرا قىلىش بىلەن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «13 - بەش يىل»دا شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، زامانىۋى خەۋەرلىشىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ساھە ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالىق تور قۇرۇلۇشى قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسىدىكى «كەمتۈك»لۈكلەرنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى ۋە ئۇچۇر كەسپىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى «چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان كارخانىلار ۋە چېگرا سىرتىدىكى كەسىپلەر كۆجۈملەشكەن رايونلارغا پائال، ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جيەنشىن، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ شياۋۋېي قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.



خەتكۈچلەر:
29-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek