تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 19- فېۋرال پايتەخت ئەنقەرەدە مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا شۇ كۈنى سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
چاۋۇش ئوغلى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن ئەنقەرەدە بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىدى.
چاۋۇش ئوغلى مۇنداق دېدى: سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قوراللىق خادىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىپلا قالماستىن، يەنە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگىمۇ زەربە بېرىدۇ. تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تەدبىر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved