فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن باياناتى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ 20دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ ھەلەپ ئۆلكىسىگە يېقىن جايدىكى بىر مەشىق لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى ھەمدە بۇنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
ئاخباراتتا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا قانچىلىك ئۆلۈم يېتىم بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن يىلى 13-نويابىر نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 130 ئادەم قازا قىلدى، 350چە ئادەم يارىلاندى. ئىسلام دۆلىتى بۇ ھۇجۇملارنى بىز قىلدۇق دېدى. ئارقىدىن فىرانسىيە ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارىتىلغان ھەربىي زەربىنى كۈچەيتتى ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە قاتارلىق رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە ماسلىشىشنى كۈچەيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved