ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .زۇڭلى لى كېچىياڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا قاتار ئەمرى تامىن بىلەن كۆرۈشتى .
لى كېچىياڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن قاتارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچىسى مۇستەھكەم ،ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق .تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلەشتى .جۇڭگو قاتار بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ .
ھازىر جۇڭگو ئىشىكنى سىرىتقا ئېچىۋىتىش ،بولۇپمۇ غەربكە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ،رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال قوللاۋاتىدۇ .
جۇڭگو قاتار بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ،ھەم قاتارنىڭ تېز سۈرئەتلىك پويىز تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى خالايدۇ .قاتارنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتاردىكى يۇقىرى تۆۋەن ئېقىم رايونىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈشىگە ئىشىكنى يوغان ئېچىۋېتىشنى ،تېز سۈرئەتلىك پويىز تۈرىدە جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئاۋال ئويلىشىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ ، قاتار يېقىندا پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ .قاتارنىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،جۇڭگو پارس قولتۇقى ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ ›.
تامىن مۇنداق دېدى :.قاتار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ،جۇڭگو بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ .قاتار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتاردا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈۈشنى قارشى ئالىدۇ ›.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجىياڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلق سارىيىدا قاتار ئەمرى تامىن بىلەن كۆرۈشتى .جاڭ دېجىياڭ مۇنداق دېدى :‹جۇڭگو بىلەن قاتار دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 26يىلدىن بۇيان باشتىن ئاخىرى باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشۇپ ،بىر -بىرىنى ھۆرمەت قىلىشتى .ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلۈپ ،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام راۋاجلاندى .
ئالىيلىرى بۇ قېتىم زىيارەتتە بولغاندا ،ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇھىم ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدى ،ئىككى دۆلەت ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنىڭ قوشما باياناتىنى ئېلان قىلىدى .ئىككى دۆلەت بۇنى ئاچقۇچ دەپ بىلىپ ،ئىستىراتېگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك ›.
جاڭ دېجىياڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئۇمۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى .ئۇ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قاتار خەلق مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتىنى يارىتىپ ،ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ .
تامىن مۇنداق دېدى :‹بۇ قېتىملىق زىيارەت ،مول نەتىجىلىك بولدى ،قاتار جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved