دۇنياغا داڭلىق رەسىم «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» رۇسىيەلىك مەشھۇر رەسسام ئىليا يافىموۋىچ رېپىننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. رېپىن 1844-يىلى رۇسىيەنىڭ خاركوۋ ئۆلكىسىدە تۇغۇلۇپ، 1930-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنقىدىي رېئالىزمچى رەسسام. ئۇ مول ئىجادىيەت ۋە ئاجايىپ ئىپادىلەش ماھارىتىگە تايىنىپ، رۇسىيەنىڭ رېئالىزملىق رەسساملىق سەنئىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» ناملىق بۇ رەسىم رېپىننىڭ 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلىپىرىدە ئىجاد قىلغان تەنقىدىي رېئالىزملىق ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى. بۇ رەسىمدىكىسى رەسسامنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قەلبىگە مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن ئەسلىمىلەر بولۇپ، رېپىن بۇ جاپاكەشلەرنىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقان مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقماقچى بولۇپ، ئۇزۇن بىر پارچە رەسىم ئارقىلىق كېمە سۆرىگۈچىلەرنىڭ ئېغىر جاپاسىنى تەسۋىرلەيدۇ. رەسىمدە تەسۋىرلەنگەن كېمە سۆرىگۈچىلەر جەمئىي 11 كىشى بولۇپ، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ھەربىر ئوبراز رېئاللىقتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياش قۇرامى، خاراكتېرى، سەرگۈزەشتىسى، كۈچ-قۇۋۋىتى، روھىي قىياپىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، رەسسام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ، باش تېمىنى يورۇتقان.
تۆۋەندە رېپىننىڭ «ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر» ناملىق مەشھۇر رەسىمىدىن ھۇزۇرلىنايلى!
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved