7-دېكابىر، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش جاۋ چىڭنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي ئەزالىقىغا، شۇجىلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى؛ يولداش لى جيەنگو ئەمدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىلىق، دائىمىي ئەزالىق، ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. جاۋ چىڭ، لى جيەنگو ئايرىم-ئايرىم يىغىندا سۆز قىلدى. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ما شيوڭچېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ما شۆجۈن سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سانجى ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنى تەڭشىشى ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىپ، خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە ئەتراپلىق ئويلاشقان، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ چىقىرىلغان قارار ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved