ئامرىكا پرېزىدىنتى ئوبامانىڭconnectED پىلانى نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ،مەسىلەن ،ئىككىنى سېتىۋالسىڭىزبىرنى سوۋغا قىلىدىغان MACBOOK ،IPAD ۋەWINDOWS مەشغۇلات سېستىمىسى، ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش سېستىمىسى ۋە سىمسىز تور قاتارلىق تۈرلەر نۆۋەتتە ئالما، مىكروسوفت ۋە ئامرىكىدىكى ئۈچ چوڭ يۈرۈشتۈرگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشىغا ئىرىشىدىكەن.AT&T ۋە Sprint ئامرىكىدىكى ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر نەچچە يىل سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ۋىرىزون بىلەن مىكروسوفت ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىىيلەش تۈرىگە قاتنىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىروسوفت يەنەكومپىيوتىر زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ تىخىمۇ ئەرزان بولغان تاختا كومپىيوتىر ۋە خاتىرە كومپىيوتىر ئىشلەپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا سۇنىدىكەن. ئالما شېركىتى بولسا، قىممىتى يۈزمىليونلۇق تاختا كومپىيوتىرى ۋە مەكبۇك كومپىيوتىرى قاتارلىق قاتتىق دىتاللارنى تەغدىم قىلىدىكەن. Autodesk قىممىتى 250مىللىيون دوللار قىممىتىدىكى3D لاھىيەلەش يۇمشاق دىتالى ۋە تەربىيلەش پىلانىنى تەغدىم قىلىدىكەن. بۇ پىلانغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئومومى سوممىسى 750مىليون ئامرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. STEMئاساس قىلىپ ، پەن-تېخنىكا، ئېنژىنىرلىق ۋە ماتىماتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
XX
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved