جاھان ئاگېنتلىقى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ۋىلايىتىدە تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 175 نەپەر قۇراللىق ئۆلتۈرۈلدى. قۇندۇز ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى سەئىد سەرۋەر ھۈسەينى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىگە قاراشلىق قەلئە زال، ئىمام ساھىب ، چاردەۋە ۋە مەركىزى رايۇنلاردا ئېلىپ بارغان ھەرىكەت جەريانىدا قۇراللىقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ھۈسەينى، 2 ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 175 كە يەتكەنلىكى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 184 قۇراللىق، 20 نەپىرىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى بارلىقىنى ۋە قۇراللىقلار ئارىسىدا چەتئەللىكلەرنىڭمۇ بارلىقنى ئېيتتى. ھۈسەينى، ھەرىكەتلەردىن كېيىن تالىباننىڭ كونتروللىقىدىكى رايۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ قايتۇرۋېلىنغانلىقى، بۇ ھەرىكەتكە يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 250 تىن كۆپراق بىخەتەرلىك قىسىمى خادىملىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تەخمىنەن 200 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇرا رايۇندا ھەرىكەت داۋامىلىشىۋاتقان بولۇپ، رايۇندىكى مىڭلىغان كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان. تالىبان ھەرىكىتى تەخمىنەن 2 ھەپتە بۇرۇن «كەسكىن ئىرادە» نامىدا باھار ھەرىكىتى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved