يەر شارى خەۋەر تورى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر باش تەپتىش ئورگىنى، ھەربىي ئۆزگىرىشك قارشى چىققان 70 كىشنىڭ ئارخىپىنىڭ ھەربىي مەھكىمىگە يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت دائىرلىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىنيە ئۆلكىسىدە 2013-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا «زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىش، قىبتىلار «مىسىردىكى يەرلىك خىرىستىئانلار» غا ئائىت چېركاۋلارغا ۋە مەكتەپلەرگە ئوت قۇيۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن 70 نەپەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى» نىڭ داۋا ئارخىپى ھەربىي سوت مەھكىمىسىگە يوللاندى.
مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسىنىڭ، 2014-يىلى ئۆكتەبىردە چىقارغان يېڭى قانۇنىغا ئاساسەن خەلق ئورگانلىرى ۋە ئىدارلىرى ھەربىي ئورگانلار دائىرىسىدە بولىدۇ. بۇ ئورۇنلارغا قارشى ھۇجۇملارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved