ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى 15 ياشلىق بىر قىز ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ئۆزىنىڭ قېنىق گىرىم قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئوخشىماي قالغانلىقىدىن ماشىنىغا چىقىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ئېيتقان.
15ياشلىق زەھرا سادىق لەۋسۇرخ سۈرۈپ، ئۇپا سۈرتۈپ دوستلىرى بىلەن ئاپتوبۇسقا چىقىپ كىنوخانىغا بارماقچى بولغان. ئاپتوبۇس شوپۇرى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ كىنشىكىنى چىقارغاندىن كېيىن شوپۇر ئۇنىڭ تېخى 16 ياشقا توشمىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنى ئاپتوبۇستىن قوغلاپ چۈشۈرىۋەتكەن، زەھرا 35 ياۋرو جەرىمانە تۆلىگەن ئاندىن تۆت مىل مېڭىپ بىرمىڭھام شەھەر مەركىزىگە بارغان.
زەھرا:«شوپۇر ماڭا كىنىشكا چىقىرىشنى ئېيتقاندا مەن مەسىلە چىقىدىغانلىقىنى ئويلاشماپتىمەن، ھازىر بولسا ھوقۇقۇم دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلدىم. شوپۇر مېنىڭ پەقەت 15 ياشقا كىرگەنلىكىمگە ئىشەنمىدى» دېدى.
زەھرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كىملىكىنى ئېلىۋالمىغاچقا يېشىنى ئىسپاتلىيالمىغان. لېكىن ئۇ شوپۇرغا يېقىندا مەكتەپتە چۈشكەن سۈرەتنى كۆرسەتكەن شوپۇر ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمىگەن. شۇ چاغدا ئاپتوبۇستا يولۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، زەھرا ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغان.
زەھرانىڭ تاغىسى بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايتىى ئاچچىقلانغان، ئۇ:«بۇ ئىشنىڭ زەھراغا بولغان تەسىرى بەك چوڭ بولدى، ئۇ ئۆزىنى بىر جىنايەتچىدەك ھېس قىلىىپ قالدى، مەن دۆلەتلىك يولۇچى توشۇش شىركىتىگە تېلېفون ئۇردۇم، ئۇلار بۇ ئىشقا جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇلار كەينىدىن تېخى زەھرا ماشىنىغا ئولتۇرغاندەك پاسپورتىنى ئېلىۋېلىشى لازىم دېدى، بۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىر قاملاشمىغان ئىش بولدى» دېگەن.
زەھرا ئولتۇرغىنى ئەنگلىيە دۆلەتلىك يولۇچى توشۇش شىركىتى غەربىي مىدلاندس ۋىلايىتىدىن بېرمىڭھامغا ماڭغان 14-يول ئاپتوبۇسى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى:«بىز بىر قىزچاقنىڭ ئاپتوبۇستىن ھەيدىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved