نىگېرىيەلىك 13 ياشلار چامىسىدىكى قىز بەدىنىگە بومبا باغلانغان ھالەتتە قولغا چۈشتى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قىز 20-دېكابىردىكى ئون ئادەم ئۆلگەن ئىككى قېتىملىق ئادەم بومبا ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان .
ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹ بوكو ھەرەم ›› نىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ ، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشىدا قۇراللىق ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنغان ئورمانلىققا ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئادەم بومبا بولۇشقا ماقۇل بولغان . قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئۇنىڭغا : ئادەم بومبا بولۇشقا جۈرئىتىڭ بارمۇ ، ئادەم بومبا بولساڭ جەننەتكە كىرىسەن ، ئەگەر بولمىساڭ زىندانغا تاشلىنىسەن ياكى ئۆلسەن ، دېگەن .
2002-يىلى قۇرۇلغان ‹‹ بوكو ھەرەم ›› تەشكىلاتى ئىسلام دىنى ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىك تەشكىلاتىدىن بولۇپ ، نىگېرىيەدە دىنىي قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدۇ . 2014-يىلى 14-دېكابىر ‹‹ بوكو ھەرەم ›› تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر يېزىدا 185 ئايال ۋە بالىنى تۇتقۇن قىلىپ ، 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved