بۇ يىل خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 120 مىليونغا يېتىدۇ

    تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى يانفون زاپچاسلىرىنى تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان رايونلاردىكى تەرەققىياتى تېز بولغانلىقتىن شۇنداقلا ماركا ئوبرازى كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقتىن، خۇاۋېي ماركىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ 2016-يىلىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 120 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.


    2015-يىلى، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى ئومومىي مال چىقىرىش مىقدارى 108 مىليونغا يېتىپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى 75 مىليوندىن %44 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن، خۇاۋېي سامسۇڭ ۋە ئالما قاتارلىقلاردىن قالسا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كارخانىسىغا ئايلانغان. 2016-يىلى، خۇاۋېي شىركىتى ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى Mate ۋە P تۈرىدىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ بۇ ئىككى تۈردىكى يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن. بۇندىن باشقا، خۇاۋېي شىركىتى يەنە گۇگېل بىلەن ھەمكارلىشىپ ياساپ چىققان Nexus 6P يانفونى خۇاۋېي ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان، بولۇپمۇ ئىتالىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەردە بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان.

  خۇاۋېي شىركىتى ئىلگىرى 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ، شىركەتنىڭ يىللىق سېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن، خۇاۋېينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 100 مىليونلۇق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى كارخانىغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە، خۇاۋېي ماركىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 2010-يىلىدىكى ئۈچ مىليوندىن 2015-يىلىدىكى 100 نەچچە مىليونغا يېتىپ، بەش يىلدا 30 ھەسسە ئېشىشتەك زور مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن.

    ئىگەللىنىشىچە، خۇاۋېي نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %15 نى ئىگەللىگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، خۇاۋېي كەلگۈسىدە HTC ۋە سونىي قاتارلىقلارنىڭ بازار ئۈلۈشىنى تارتىۋېلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىكەن. ئۇندىن باشقا، خۇاۋېي نۆۋەتتە يەرشارى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %9 لىك ئۈلۈشىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەقلىيفون كارخانىسىغا ئايلانغان.

   تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى كەلگۈسىدە چەتئەل بازىرىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خۇاۋېي Mate 8 ۋە Honor 5X قاتارلىق يانفونلار ئۇزۇنغا قالماي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
Powered by Leglek