نېيمار فىفا ۋىرۇسىغا ئۇچراپ ئىپادىسىگە تەسىر يەتتى

ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ ئانالىز قىلىشىچە، نېيمارنىڭ دۆلەت دېربىيسى كۈنى ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينىغانلىقىنى ئويلىشىپ، برازىلىيە يۇلتۇزى فىفا ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، يەنە بىر بارسېلوناغا پايدىسىز خەۋەر بولسا، راكىتىچ يارىدار بولۇش سەۋەبلىك دۆلەت دېربىيسىغا قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن.

دۆلەت دېربىيسى كۈنى نېيمار برازىلىيەگە ئەگىشىپ دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئارگېنتىنا ۋە پېرۇ بىلەن بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە برازىلىيە يۇلتۇزى ئۇدا مەيدانغا چىقتى، جەمئىي 180 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىدى، گەرچە برازىلىيە بىر مەيدان غەلبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلەشكەن نەتىجىسى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما نېيمارنىڭ بەدەن قۇۋىتى كۆپ خورىدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ برازىلىيە يۇلتۇزى يەنە سەپەر جاپاسىغا ئۇچرىدى، شۇ سەۋەبتىن، ئىسپانىيەگە قايىتقاندىن كېيىن، نېيمارنىڭ بەدەن قۇۋەت ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى بىر ئېنىقسىز سان.

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نېيمار فىفا ۋىرۇسى تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دۆلەت كوماندىسىدىن ھېرىپ قايتىپ كەلگەنلىكتىن، نېيمارنىڭ ھالىتىگە سۇئال بەلگىسى قويۇلدى دەپ قارىدى، بىراق بۇندىن ئىلگىرى نېيمار ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان، 11 توپ كىرگۈزۈپ، ئۈچ ياردەمچى پاس بەرگەن.

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» ئوخشاشلا راكىتىچنىڭ دېربىيدا مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقىغىمۇ گۇمان بىلەن قارىدى، ئوڭ پۇت پاقالچاق بېلىقسىمان مۇسكۇلى يارىلانغانلىقتىن، راكىتىچ كرودىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى. ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، راكىتىچ كومپيۇتېردا كرودىيە بىلەن روسىيەنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى.

ئىگەللىنىشىچە، ناۋادا راكىتىچ مەيدانغا چىقالمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئورنىغا روبېرتو ئالمىشىدىكەن، يېقىنقى ئىككى ئايدا روبېرتونىڭ ئىشەنچى ئاشتى، ئىپادىسىمۇ يامان ئەمەس.

سۇيارىزنىڭ نۆۋەتتە ئىپادىسى قالتىس، نېيمارنىڭ بەدەن قۇۋىتى خورىغان، مېسسىنىڭ ئىپادىسى ئېنىقسىز ئەھۋالدا، بارسېلونا بەلكىم سۇيارىزنى قايتا قوزغىتىشى مۇمكىن.



19-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek